2015-يىلى 11-ئاپرېل كەچ بېنگالنىڭ پايتەختى داككادىكى مەركىزىي تۈرمىدە ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى ئىسلام قۇرۇلتىيى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كامال زامانغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى. كامال زامان 1971-يىلىدىكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇلاڭچىلىق قىلىش، چوڭ قىرغىنچىلىق، ئوت قويۇش، باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەنگەن.