باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكلىقلار «خاندانلىق سىياسىيسى»نى ھەم ياقتۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن بىزار

2015.04.09 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  320 مىليون نوپۇسى بار ئامېرىكىنىڭ 2016- يىللىق ئومۇمىي سايلىمى ئىككى چوڭ سىياسىي جەمەت بۇش جەمەتى بىلەن كېلىنتون جەمەتىنىڭ 2- قېتىملىق ئېلىشىشى بولۇشى مۇمكىن. جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى ئامېرىكىنىڭ «خاندانلىق سىياسىيسى» ئەنئەنىسى بار، ئادامىستىن روزۋېلىتقىچە، ئاندىن بۈگۈنكى كېلىنتون ۋە بۇشقىچە. ئامېرىكىلىقلار بۇ ئەھۋالنى ھەم ياقتۇرىدۇ ھەم بىزار. دېموكراتلار زۇڭتۇڭ نامزاتى كۆرسىتىش بويىچە ئەلرايىنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئىلگىرىكى دۆلەت كاتىپى، پارلامېنت ئەزاسى، «بىرىنچى خانىم» ھىلارى كېلىنتون 44 پىرسەنت پوئېنت بىلەن ئاساسلىق رەقىبى، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بايدىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ھازىر ئۇ سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى، بىراق سايلام گۇرۇپپىسىنىڭ تەييارلىقى پۈتتى.

  جۇمھۇرىيەتچى زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى ئىچىدە جورجى H. W بۇشنىڭ 2- ئوغلى، سابىق زۇڭتۇڭ جورجى W بۇشنىڭ ئىنىسى جىب بۇش كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشى جەھەتتە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ. فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقىنىڭ جەمەت بەلگىسى ۋە مەبلەغ توپلاش ئىقتىدارى بار.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر