باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدلىيە ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى چىقىرىلدى

2015.04.10 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەدلىيە ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈلمىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى چىقىرىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پىلان ھەم ۋاقىت جەۋدىلى لايىھەلەپ بەردى. لايىھەدە 84 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنىڭ ۋەزىپىلىرى تەقسىملىنىپ، ئاساسلىق ۋەزىپىلەر، باش بولغان ئورۇنلار ۋە قاتناشقۇچى ئورۇنلار، ئىسلاھات سۈرئىتى، خىزمەت نەتىجىسىگە بولغان تەلەپ قاتارلىق ئىشلار تەرتىپ بويىچە ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈپ ئاساس ھازىرلاپ بېرىلدى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەدلىيە ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شىنزېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇنداق بەش جەھەتتىكى خىزمەت نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن: تەپتىش ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش ھەرىكىتى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ناھەق، يالغان، خاتا دېلولاردىن ساقلىنىش، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇدىر تەپتىشنىڭ دېلو بېجىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەپتىش خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوغداش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەپتىش خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

  ئەدلىيە ئورگانلىرى تەدبىرلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەرز ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ئەرزىيەت ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قانۇنچىلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئەدلىيە ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن جۈنشېڭ مۇنداق دېدى: جىنايەت بىلەن جازانى قانۇندا بەلگىلەش، گۇمانلىق جىنايەتنى يوق قىلىش، قانۇنسىز ئىسپاتنى يوققا چىقىرىش قاتارلىق قانۇن پىرىنسىپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھەق، يالغان، خاتا دېلولاردىن ساقلىنىش، تۈزىتىشنىڭ تۈرلۈك ئىسلاھاتلىرىدا، ئادۋوكاتلارنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاش ھەم ۋاكالەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز. نۆۋەتتىكى نۇقتىلىق ئىش-ئادۋوكاتلارنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاش بەلگىلىمىسىنى تېزدىن تۈزۈپ، ئادۋوكاتلارنى ئاساس قىلغان جەمئىيەتتىكى 3-تەرەپ قاتنىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە ھۆكۈمى، قارارىغا قايىل بولمىغان ئەرزلارگە قارىتا، ئادۋوكاتلار ۋاكالىتەن بېجىرىش تۈزۈمىنى تەدرىجىي يولغا قويىمىز، ئادۋوكات تەكلىپ قىلالمىغان ئەرز قىلغۇچىلارنى قانۇن ياردىمى دائىرىسىگە كىرگۈزىمىز.

  يولغا قويۇش لايىھەسىدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەپتىش ئورگانلىرى ئاممىۋى ئەرزلارنى تىلغا ئېلىشنىڭ يېتەكچى پىكرىنى تۈزۈش كېرەك. ئادىل ئەدلىيەگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تۈرمىدە جىنايى جازا ئۆتەش ئىجرا ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈرمە ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئاشكارىلايدۇ. مەھەللىلەردە تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قاماپ جىنايى جازا ئىجرا قىلىش بىلەن مەھەللىلەردە تۈزەشنى ماسلاشتۇرۇش ۋە تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. يولغا قويۇش لايىھەسىدە، ئومۇمىي خەلق قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قارىشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى 18 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى بېكىتىلدى.

  قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش خىزمەت قوشۇنى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، يولغا قويۇش لايىھەسىدە 18 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى چىقىرىلدى. بۇلار نۇقتىلىق ھالدا قانۇن كەسپىگە ئىجازەتلىك كىرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسپىي ئالاھىدىلىككە ئۇيغۇن كېلىدىغان قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىش، سودىيە، تەپتىشلەرنى دەرىجە بويىچە تاللاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمەت تارماقلىرى ۋە قانۇنشۇناسلىق تەربىيەسى تەتقىق ئورگىنىنىڭ خىزمەتچىلىرى قوش يۆنىلىش بويىچە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا تەكلىپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادۋوكاتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر