باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چېخ زۇڭتۇڭى ئامېرىكىنىڭ چېختا تۇرۇشلىق باش ئەلچىسى شاپىرونىڭ چېخ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە كىرىشىنى چەكلىۋەتتى

2015.04.10 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېخ زۇڭتۇڭى مىلوس زېمان ئامېرىكىنىڭ چېختا تۇرۇشلىق باش ئەلچىسى شاپىرونىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىگە نازارى بولۇپ، ئۇنىڭ چېخ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە كىرىشىنى چەكلىۋەتتى.

  ياۋرپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى رۇسىيە ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ ئەمما زېمان بېرىشنى قارار قىلدى.

  ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ چېختا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شاپىرو چېخ تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا زېماننىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى نەزەردە تۇتقاندا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولغان زېماننىڭ رۇسىيەگە بېرىشى ياخشى خەۋەر ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتنىڭ رەھبەلىرى رۇسىيەگە بارمايدۇ، زېمان بارسا ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، دېدى.

  شاپىرونىڭ سۆزلىرى زېماننىڭ چىشىغا تەگدى، زېمان 5-ئاپرېل چېخ تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: چېخنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىغا نەگە بېرىش كېرەكلىكىنى ھەرگىزمۇ ئېيتمايدۇ. مەن ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ باش ئەلچىسىنىڭ مېنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشۇمغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي يول قويمايمەن. پىراگا قەلئەسىنىڭ دەرۋازىسى باش ئەلچى شاپىروغا ئېچىلمايدۇ، دېدى.

  پىراگا قەلئەسى چېخڭنىڭ پايتەختى پىراگاغا جايلاشقان، ئۇزاق تارىخقا ئىگە گۈزەل مەنزىرگاھ، ھەمدە چېخ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى جايلاشقان ئورۇن. چېخ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى: چېخ زۇڭتۇڭى ئامېرىكىنىڭ باش ئەلچىسى شاپىرونى قارشى ئالمىسىمۇ، لېكىن شاپىرو پىراگا قەلئەسىدە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشسا بولىدۇ، دېدى.

  رۇسىيە دۆلەت دۇماسى يەنى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى پۇشكوف 6-ئاپرېل ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا: شاپىرونىڭ سۆزلىرى ئامېرىكىنىڭ باشقا ياۋروپا ئەللىرى رەھبەرلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، رۇسىيەنى يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى.

  ئۇكرائىنا كىرىزىسى سەۋەبلىك رۇسىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى كەسكىنلەشتى، رۇسىيە جازاغا ئۇچرىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى جۈملىدىن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېرون رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشنى رەت قىلدى، ئۇلار 5-ئايدا موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشمايدۇ.

  بىراق، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا چېخ زۇڭتۇڭى زېمان بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلدى، ئۇ جازانى بېكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  زېماننىڭ رۇسىيەگە بېرىش پىلانى دۆلەت ئىچىدىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋە ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەرنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بۇنىڭغا قارشى تۇردى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى مارتىن: زۇڭتۇڭ ياخشى قارار چىقارمىدى، دېدى.

  زېمان «رۇسىيەنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئىلگىرى چېخ-سىلوۋاكىيەنىڭ گېرمانىيە ناتىسىسلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشتا قازا قىلغان سوۋىت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ جەڭچىلىرىنى ئەسلەش ئۈچۈن» دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى، ھەمدە: شۇلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر بىز ئۆز دۆلىتىمىزدە نېمىسچە سۆزلەشمەيمىز، دېدى.

  ئۇ يەنە: ئەگەر 9-ماي موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىشلە پائالىيىتىگە سەل قارىساق، چېخ-سىلوۋاكىيەنى ئازاد قىلىش كۆرىشىدە قۇربان بولغان سوۋىت ئىتتىپاقى جەڭچىلىرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىمىز، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر