باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹بەش ئاچقۇچ››روھىنى خىزمەتلىرىمىزنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغىچە ئىزچىللاشتۇرايلى

2015.04.10 14:54         مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى(دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما جىن

  ‹‹بەش ئاچقۇچ›› ئىدىيەسى توغرىسىدا مۇنداق ئۈچ نۇقتىلىق تونۇش ۋە تەپەككۇرۈمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن:

  بىرىنچى، ‹‹بەش ئاچقۇچ›› ئىدىيەسىنىڭ مېتودولوگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك

  ماركسىزم دۇنيانى تونۇش ۋە ئۆزگەرتىشىمىزدىكى بۈيۈك ئىدىيەۋى قورال بولۇپ، ئۇنىڭدىكى مول ھەم چوڭقۇر بىلىم ھەممە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، ئۇنىڭ جەۋھىرى ۋە جانلىق روھىنى لېنىن يىغىنچاقلىغان، ماۋ زېدۇڭ قايتا تەكتىلىگەن كونكرېت ئىشلارنى كونكرېت ئانالىز قىلىش، دېگەن بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بۇ، مەسىلىنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى شۇنداقلا بارلىق خىزمەتلىرىمىزدە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي ئۇسۇل.

  ئاچقۇچ قۇلۇپنى ئاچىدىغان ئەسۋاب، مەنىسىدىن قارىغاندا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى دېگەنلىكتۇر. ‹‹بەش ئاچقۇچ›› ئىدىيەسىدە ئەنە شۇ جانلىق روھ ئىپادىلەنگەن، ئۇ ھەم شۇ جەۋھەرنى تەتبىقلاشنىڭ مەھسۇلى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق مەسىلىسى ھەر خىل ئامىللار گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ئىدىيەۋى مەسىلە. ئۆرپ – ئادەت مەسىلىسى، دىن مەسىلىسى، مەدەنىيەت مەسىلىسى، زوراۋانلىق – تېررورلۇق مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بولۇپ، خاراكتېرى بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. مۇبادا كونكرېت ئانالىز قىلىنمىسا، مەسىلىنى ئومۇميۈزلۈك ئوبيېكتىپ تونىغىلى بولمايدۇ شۇنداقلا مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ. كونكرېت ئانالىز قىلغاندىلا، مەسىلىنى توغرا تونۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ. ‹‹بەش ئاچقۇچ›› ئىدىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىدارە قىلىش تەپەككۇرىمىزنىڭ تېخىمۇ روشەنلەشكەنلىكى ۋە پىشىپ يېتىلگەنلىكى، مەسىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىش يولىغا قاراپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەسىلىنى تېما سۈپىتىدە ئانالىز قىلىپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، بۇ نەتىجىنى قەدىرلەپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، ئۇسۇل مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

  كۇڭزى مۇنداق دېگەن: ‹‹ئىشنى ياخشى قىلاي دېسەڭ، ئاۋۋال جابدۇق تەييارلا››. يەنى ھۈنەرۋەن ئىشنى ئوبدان قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن سايمان – جابدۇقلىرىنى ئۆتكۈر قىلىشى كېرەك. يولداش ماۋزېدۇڭ مۇنداق تەكىتلىگەنىدى: ‹‹ئىنقىلاب قىلىش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىزنىڭ ئىككى چوڭ ۋەزىپىمىز. بۇ يەردە خىزمەت ئۇسۇلى مەسىلىسى بىز دۇچ كەلگەن ئېغىر مەسىلە. ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، يەنە ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىكى ئۇسۇل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز دەريادىن ئۆتۈش، ئەمما كۆۋرۈك ياكى كېمە مەسىلىسىنى ھەل قىلالمىساق، دەريادىن ئۆتۈش قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇسۇل مەسىلىسىنى ھەل قىلمىساق، ۋەزىپە توغرىسىدا قۇرۇق ۋالاقلىغان بولۇپ قالىمىز››، بۇ، ئۇسۇلنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ نىشان – يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ۋەزىپە ئىنتايىن كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھازىر ئۇسۇل مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەش مۇرەككەپ، كەسكىن ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن قارىغاندا، ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىشتا ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، چۈنكى ئۇسۇل كۈرەشنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ‹‹جاھالەت ئۆرلىسە بىر گەز، ئادالەت ئۆرلەيدۇ مىڭ گەز›› دېگەندەك، ‹‹بەش ئاچقۇچ›› ئىدىيەسىنى جەزمەن ياخشى ئىشلىتىشىمىز كېرەك.

  ‹‹بەش ئاچقۇچ›› ئىدىيەسىنى ياخشى ئىشلىتىشتە شەكىلۋازلىق قىلماي ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىشىمىز، خىزمەتلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىشلىمەستىن، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ خىزمەت تەسەۋۋۇرىمىز، تەدبىرىمىز ۋە ئىستىلىمىزغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى، بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا، خىزمەتلەردە تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئاۋامغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، مەسىلىنى تىرىشىپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ‹‹بەش ئاچقۇچ›› ئىدىيەسى بۇ تەلەپلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزدىكى ‹‹مەنىۋى كان››. بۇنىڭ ئاچقۇچى، ‹‹كان››نى چوڭقۇر قېزىپ، ‹‹بەش ئاچقۇچ›› ئىدىيەسىنى ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك››نىڭ ھەر بىر ھالقىسى ۋە تەرەپلىرىگىچە ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  ‹‹بەش ئاچقۇچ›› ئىدىيەسىنى ياخشى ئىشلىتىشتە پىرىنسىپاللىق بىلەن جانلىقلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا خېلى كۈچ كېتىدۇ. پىرىنسىپ قائىدە دېمەكتۇر، قائىدە بولمىسا ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، جانلىق بولۇش ئۇسۇلغا قارىتىلغان بولۇپ، پىرىنسىپنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قورال. كۈندىلىك خىزمەتلەردە بەزىدە بۇ ئىككىسى ئايرىۋېتىلىدۇ، ھەتتا بىر بىرىگە زىت بولۇپ قالىدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پىرىنسىپنى تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ، بىراق، پىرىنسىپنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جانلىق بولۇشنى تەكىتلىمىسەك بولمايدۇ، جانلىق بولۇش دېگەنلىك مۇرەسسە قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى پىرىنسىپنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەنلىكتۇر؛ جانلىق بولمىغاندا، پىرىنسىپنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. خىزمەتتە پىرىنسىپنى تەكىتلەپ، جانلىق بولۇش تەكىتلەنمىسە ياكى جانلىق بولۇشلا تەكىتلىنىپ، پىرىنسىپ تەكىتلەنمىسە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئېغىر زىيان سالىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۇسۇلنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش كېرەك

  ‹‹بەش ئاچقۇچ›› ئىدىيەسى ئۇسۇلدىن باشقا قىممەت ۋە ئەھمىيەتكىمۇ ئىگە. ئۇ، ئۇسۇل ئېڭىغا ئىگە بولۇپ، ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇسۇلنى تەكىتلىشىمىزنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىزمەتلەرگە ئۇسۇل قارىشى بىلەن مۇئامىلە قىلساق، ‹‹زەربە بېرىدىغان قول قاتتىق بولۇش، تەربىيەلەيدىغان، يېتەكلەيدىغان قولمۇ قاتتىق بولۇش››، ‹‹تەربىيەلەش بىلەن يېتەكلەشنى بىرلەشتۈرۈش››، ‹‹ئۈچ تەرەپتىن تەڭ قول سېلىش››، ‹‹ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش›› قاتارلىقلار ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇل ۋە خىزمەت ئۇسۇلى بولۇپ، ئاڭلىق چىڭ تۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇسۇل ئېڭى بىلەن خىزمەتلەرنى پىلانلىغاندا، بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر ئاچقۇچ كونكرېت ئۇسۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پائال ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئالايلۇق: قانداق قىلغاندا ‹‹سۇ قۇيۇپ سۇغىرىش›› بىلەن ‹‹تېمىتىپ سۇغىرىش›› ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىدىيەۋى تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا تەربىيەلەش بىلەن يېتەكلەشنى بىرلەشتۈرۈپ دىن ئىشلىرىنى قانۇن ئىدارە قىلىش يولىغا كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئۆرپ – ئادەتكە ھۆرمەت قىلىش بىلەن بىللە ناچار – ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ھەم زامانىۋى مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرغىلى، ھەم ئەنئەنىۋى ئېسىل مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن نوخلىسىنى ئېلىۋېتىش بىلەن بىللە ‹‹قارىسىغا زەربە بېرىش››، ‹‹قالايمىقان زەربە بېرىش›› قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ... ۋاھاكازالار. بۇ مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈچۈن، توغرا ئۇسۇل بىلەن مەسىلىنى يېشىپ بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. قايتا – قايتا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، شەيئىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ. كۈچلۈك ئۇسۇل ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ھەممە ئىشتا ئۇسۇل ۋە شەكلىگە ئەھمىيەت بەرگەندىلا، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىدە تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق ئۇسۇللارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلىش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر