باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لىنيى پاراخوتى جۇڭگو پۇقراسىنى ئېلىپ يەمەندىن يولغا چىقتى

2015.04.10 15:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ لىنيى پاراخوتى 24 نەپەر جۇڭگو پۇقراسىنى ئېلىپ بېيجىڭ ۋاقىتى 6-مارت سائەت 18 دىن 10 مىنوت ئۆتكەندە يەمەننىڭ خودېيدا پورتىدىن جىبوتىغا يۈرۈپ كەتتى، بۇنىڭدىن بۇرۇن جۇڭگونىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ماشىنا بىلەن بۇ جۇڭگو پۇقرالىرىنى يەمەننىڭ پايتەختى سانادىن خودېيدا پورتىغا ئاپىرىپ قويۇشقا تەشكىللىگەن ئىدى، جۇڭگونىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدىكى قېلىپ قالغان بارلىق خادىملارمۇ شۇ پاراخوتتا چېكىنىپ چىقتى، سىرىلانكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن لىنيى پاراخوتى يەنە 45 سىرلانكا پۇقراسىنىمۇ تەڭ ئېلىپ ماڭدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ۋېيشەنخۇ پاراخوتىمۇ ماسلىشىپ سۇكوترا ئارىلىدىكى 9 جۇڭگولۇق ۋە بىر ياپونىيە پۇقراسىنى چېكىندۈرۈپ چىقتى، جۇڭگونىڭ يەمەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، ئادىندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى يەمەننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ۋاقىتنچە تاقالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر