باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك

2015.04.10 15:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىدا «يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوللاشنىڭ 2015-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان پىلانى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلاردىكى ھەر بىر بالىنى ئادىل، سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇش كېرەك. يۈز يىللىق ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، مائارىپ ئاساس قىلىنىدۇ. مائارىپ-نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنىڭ بىرى. يېزا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلاردىكى ھەر بىر بالىنى ئادىل، سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇش-تۆھپىنى ھازىر يارىتىدىغان، نەتىجىسىدىن ئۇزۇن يىل پايدىلىنىدىغان چوڭ ئىش. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇنى باراۋەر باشلاشقا شارائىت ھازىرلاپ، مائارىپ راسخوت سېلىنمىسى، مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش، مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردە يېزىلاردىكى ئىقتىسادتا كەينىدە قالغان ۋە ئالاھىدە نامراتلار جايلارغا ئېتىبار بېرىش مەسئۇلىيىتى بار.

  نۆۋەتتە، يېزا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، نىشانلىق سىياسەت بېكىتىپ، توغرا كۈچەش كېرەك. يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش، شەھەر-يېزا ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتات ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئۇنۋان باھالاشتا يېزا مەكتەپلىرىگە ئېتىبار بېرىش، شەھەرلەردىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېزا مەكتەپلىرىگە يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارغا كۈچ چىقىرىپ، يېزا بالىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش لازىم. ئەلۋەتتە، مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەندىن سىرت، يەنە ئىجتىمائىي بايلىقنىڭ نامۇۋاپىق يەتكۈزۈلۈشىنى تۈزۈم جەھەتتىن توسۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردىن نامراتلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىگە ئادىل كاپالەت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامرات، كەينىدە قالغان جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئاممىمۇ مەركەزنىڭ سىياسەتلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تېز پويىزىغا ئولتۇرۇشى لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر