باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنگلىيەدە ئوقۇشنىڭ يېڭى سىياسىتى چىقىرىلدى

2015.04.10 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 6-ئاپرېلدىن تارتىپ، ئەنگلىيەدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان يېڭى ۋىزا سىياسىتىنى رەسمىي يولغا قويدى. يېڭى سىياسەتكە ئاساسەن، ئەنگلىيەگە بېرىپ ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار 6-ئاپرېلدىن كېيىن ئېلتىس ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى بولسا، چوقۇم ۋىزا تۈرىدىكى ئېلتىس ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئەنگلىيە باشقا نەتىجىنى ئەمدى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇ ئادەتتىكى ئېلتىس ئىمتىھانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما 6-ئاپرېلدىن بۇرۇن مەكتەپكە كىرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادەتتىكى ئېلتىس ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۆتكەن بولسا، نەتىجىسى يەنىلا ئىناۋەتلىك بولىدۇ. يېڭىچە ئېلتىس ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنى، شەكلى ۋە قىيىنلىقى ئوخشاش بولۇش ئاساسىدا، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش تېخنىكىسى ۋە ئىمتىھان راسخوتى ئۆستۈرۈلدى ھەم جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئىمتىھان نۇقتىسى 53 تىن 12 گە ئازايتىلدى. تىل ئىمتىھانىنىڭ دائىرىسىنى تارايتقاندىن سىرت، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يەنە ياۋروپا ئىقتىساد رايونىنىڭ سىرتىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋىزىسى بارلارنىڭ ھەقسىز داۋالىنىش تەمىناتىنى بىكار قىلدى. كەلگۈسىدە، ئەنگلىيەدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىككى مىڭ يۈەنلىك داۋالىنىش قوشۇمچە ھەققى تاپشۇرغاندىلا، ئاندىن ئەنگلىيەنىڭ ۋىزىسىغا ئېرىشەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر