باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچىنى تىرىك ئاناتومىيە قىلىش جىنايەت پاكىتى كۆرگەزمە قىلىندى

2015.04.10 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاپرېل ياپونىيە كيۇسيۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تىبابەت تارىخ سارىيى جەمئىيەتكە رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. مەكتەپ قۇرۇلغان يۈز يىلدىن بۇيانقى شەرەپ ۋە نەتىجىلەردىن باشقا، كيۇسيۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تىبابەت بۆلۈمى يەنە كىشىلەرگە 70 يىل بۇرۇنقى بىر بۆلۈك «يىرگىنىشلىك تارىخ»نى نامايان قىلدى.

  1945-يىلى ئامېرىكىنىڭB29 تىپلىق بىر بومباردىمانچى ئايروپىلانى فۇكۇئوكا ئاسمىنىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى، بىر قانچە ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچى ئەسىرگە ئېلىندى. كيۇسيۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تاشقى كېسەل پروفىسورلىرى 8 ئەسىرنى تىرىك ئاناتومىيە قىلىپ، ئۇچقۇچىلارنىڭ قان تومۇرىغا سۇيۇقلاندۇرۇلغان دېڭىز سۈيىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپ، ئۆپكە قانىتى ۋە باشقا ئىچكى ئەزالىرىنى كېسىپ ئېلىۋەتتى. 8 ئۇچقۇچىنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. 1948-يىلى 3-ئايدا تىرىك ئاناتومىيە قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل 30 كىشى ئۇرۇشتىن كېيىنكى ھەربىي سوتتا سوتلاندى، ئىچىدىكى 23 كىشىنىڭ جىنايىتى بىكىتىلدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر