باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيەلىك بىر بىمارغا دۇنيادىكى تۇنجى كاللا ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسى قىلىنىدۇ

2015.04.10 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوفمان مۇسكۇل تارىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان روسىيەلىك بىر ئەر ئۆزىنىڭ بېشىنى بىر ساغلام بەدەنگە كۆچۈرۈپ، دۇنيادىكى تۇنجى باش ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسىنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بېشىنى ئىتالىيەلىك بىر كلىنىكا دوختۇرىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغان.

  روسىيەلىك 30 ياشلىق كومپىيوتېر ئالىمى ۋەلىرىي دونوف كىچىكىدىن خوفمان مۇسكۇل تارىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇ يېقىندا تاراتقۇلارغا ئۆزىنىڭ ئىتالىيەلىك دوختۇرغا باش ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بېشىنى يېڭى بىر بەدەنگە كۆچۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتقان. دونوفنىڭ قارىشىچە ئۆزىنىڭ تاللىشى كۆپ ئەمەسكەن. «قورقامدىم؟ ئەلۋەتتە قورقىمەن. ئەگەر بۇ پۇرسەتنى سىناپ باقمىسام، تەقدىرىم بەكلا ئېچىنىشلىق بولۇپ قالىدۇ، ھەر يىلى ئەھۋالىم يامانلىشىۋاتىدۇ»، دەيدۇ ئۇ. خەۋەر قىلىنىشىچە، روسىيەلىك بۇ بىمار ۋە ئىتالىيەلىك دوختۇر تور تېلېفونىدا ئالاقىلاشقان بولسىمۇ تېخى يۈز كۆرۈشمىگەن، دوختۇرمۇ بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى كۆرمىگەن.

  دوختۇر كاناۋېيلونىڭ دىيىشىچە، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئوپراتسىيەگە قاتنىشى ئارزۇسى يېزىلغان خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان، بىراق ئۇ يەنىلا بىرىنچى ئوپراتسىيە پۇرسىتىنى مۇسكۇل تارىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بۇ بىمارغا بېرىشتە چىڭ تۇرغانلىقىنى ئېيتقان. دوختۇر بۇ پىلاننى جەننەت (HEAVEN) دەپ ئاتىغان بولۇپ، «باش ئۇلاش ئوپراتسىيەسى»نىڭ قىسقارتىلمىسى ئىكەن. كاناۋېيلو بۇ يىل يىل بېشىدا، ئادەم بېشىنى كۆچۈرۈش ئومۇرتقا ئىلىك بېرىكىشى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يەكلەش رېئاكسىيەسىدىن ساقلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ئەڭ بالدۇر بولغاندا 2017-يىلى ئىشقا ئاشىدۇ، دېگەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر