باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى باشلىنىپ كەتتى

2015.04.10 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى جەنۇبدىن شىمالغا قاراپ تۈشمۇ تۇشتىن باشلاندى، دېھقانلار بازار ئېھتىياجىنى توغرا ئىگەللەپ، تېرىلغۇ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇردى ۋە تەڭشىدى، يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇلازىمىتىنى كۈچەيتتى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى تولۇق تەييارلاپ قويدى،بىنەم يەردە سۇنى تېجەپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈردى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن باشلاندى، ۋەتىنمىزنىڭ بىپايان زىېمىنىدا ھاياتى كۈچكە تولۇپ تاشقان ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلاندى.

  يازلىق ئاشلىق پۈتۈن بىر يىلدىكى ئاشلىقنىڭ تۇنجىسى، كۈزگى بۇغداي يازلىق ئاشلىقنىڭ %90نى تەشكىل قىلىدۇ، نۆۋەتتە چاڭجياڭ، خۈەيخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدىكى كۈزگى بۇغداي غول تارتىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، خۇاڭخې، خۈەيخې، خەيخې دەرياسى ۋادىسىدىكى كۈزگى بۇغدايلار ئەمدى ئۆسۈش مەزگىلىدە تۇرماقتا، خېنەن ئېلىمىزنىڭ يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى بىرىنچى چوڭ ئۆلكە، خېنەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىنى تەڭشەش دوكلاتىدىن ئايان بولىشىچە، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئۆلكە بويىچە جايلاردا مايسىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى تەكشى، مۇۋاپىق، سۈپىتى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان.

  يېزا ئىگىلىك مىنستىرلىقى تېرىقچىلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى زېڭ يەندې مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مايسىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى يېقىنقى يىللاردىكىدىن بىرقەدەر ياخشى بولدى، بولۇپمۇ مەملىكەت بويىچە بۇغداي ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %40دىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدىغان خېنەن، شەندوڭ ئۆلكىلىرىدە بۇغداي مايسىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن ياخشى بولدى.

  يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىدىكى بۇغداي مۇتەخەسسسلەر گۇرۇپپىسى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇغداينىڭ ئۆسۈش مەزگىلى ئۇزۇن، ئۆز ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، مەلۇم بىر باسقۇچتا پايدىسىز ئامىلغا يولۇقسىمۇ باشقا باسقۇچلار ئارقىلىق تولۇقلاپ كېتىۋېرىدۇ، شۇڭا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئەتىياز پەسىلدە زىيانداش ھاشارەتلەردىن ساقلىنىپ مول ھوسۇل ئېلىش ھەرىكىتىنى باشلاپ، يېشىل ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇغداي قاتالرىق يازلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ زېيىنىغا ئۇچراش نىسبىتىنى %5 ئىچىدە كونترول قىلىشقا تىرىشتى.

  بۇ يىل جايلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرى بىرقەدەر ئوڭۇشلۇق بولدى، ئەمما ھاۋا رايى تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرىچە، بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ ھاۋا كېلىماتى ئوتتۇرىھال ياكى ناچارراق بولىدىكەن، ئەتىيازدا شەرقى شىمال رايونىنىڭ شەرقىدە ھۆلچىلىك، غەربىدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولىدىكەن، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا ئۇدا يامغۇر يېغىپ، ئەىيازلىق تېرىلغۇغا ۋە مۇۋاپىق پەيتتە تېرىقچىلىق قىلىشقا قىيىنچىلىق تۇغدىرىدىكەن، بۇ يىل ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا بىنەم يەرلەردە سۇ تېجەش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتلەردە يېڭى تەدبىرلەر قوللىنىلدى، نۇرغۇن يېڭى تىپتىكى ئاساسى گەۋدىلەر بايلىقنى تېجەپ پايدىلىنىش، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساشتىن دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپىچقىرىشىدا تېرىقچىلىق قىلىش ۋاقتى قىس، ئەمگەك كۈچلىرى ئاز بولغان ئەھۋالدا يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى ئاساسى قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇردى، بۇ يىل يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى خادىملىرىنى كەنت، ئائىلىلەرگە مۇددەتتىن بۇرۇن كىرىپ، كومبايىنچىلارنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى پەرۋىش قىلىش، تەڭشەش ۋە تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللىدى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىكىىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لى ۋېيگو مۇنداق دېدى: بۇ يىل كومبايىنچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مەشغۇلاتى قېلىپلىق بولماسلىق، ئۆلچەمگە يەتمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر