باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى يىنىڭ: جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە سەل قارىماسلىق لازىم

2015.03.06 17:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 24 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئېشىش سۈرئىتى بۈگۈن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىقتىساد گۇرۇپپىسى مۇزاكىرە قىلغان قىززىق نۇقتا بولدى. مەشھۇر ئىقتىسادشۇناس لى يىنىڭ جۇڭگو ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى قايتىدىن قوزغاتسا بولىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ دېدى.

  لى يىنىڭ: بەش خىل ئامىل ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  لى يىنىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو نۆۋەتتە دۇچكەلگەن ئىقتىسادىي تۆۋەنلەش ئۇزۇن مەزگىللىك جۇغلانما نەتىجىسى، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بەش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

  1.ئالدىنقى مەزگىلدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈپىتى ناچار، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتكەن، مەھسۇلات بېسىلىپ قالغان، سىرتقى بازار چۆلسىرەپ قالغاندا ئىقتىساد كەڭ كۆلەمدە تۆۋەنلەيدۇ.

  2.ئىقتىسادىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئاساسىي سان قانچىلىك چوڭ بولسا، ئېشىش نىسبىتى شۇنچە كىچىك بولىدۇ، تەدرىجىي ئازىيىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادى ئۇدا بىر قانچە يىل يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

  3.دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ياخشى ئەمەس، ئېنىقسىزلىق چوڭ، جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ ئېكىسپورتى چوڭ تەسىرگە ئۇچرىدى. لېكىن نۇرغۇن كارخانىلار يەنىلا تىپىنى ئۆزگەرتىش باسقۇچىدا، شۇنىڭ ئۈچۈن تىپىنى ئۆزگەرتىش مەزگىلىدە ئېشىش سۈرئىتىدە ئاستىلاش كۆرۈلىدۇ.

  4.جۇڭگو ئىقتىسادىنى تەڭشەش ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ھازىر «ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق مەزگىلى»دە تۇرىۋاتىدۇ.

  5.تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىيالايدۇ، بىراق جۇڭگونىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ ئىقتىسادىي ئېشىشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يەنىلا ۋاقىت كېرەك.

  ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى: ئىسلاھات، ئىستېمال، ئۆي-مۈلۈك كەسپى.

  لى يىنىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىگە نىسبەتەن ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستېمالنى سىلجىتىپ ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى قوزغىتىش كېرەك.

  لى يىنىڭ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن مەسىلىلەر ئىسلاھات داۋامىدا توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ، ئىسلاھات مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن تەڭشىلىشى ۋە تەقسىم قىلىنىشى، بۇ جەرياندا زور مىقداردا ئىسلاھات پايدىسىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

  لى يىنىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئىستېمال بازىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ، ئەگەر چەتئەل ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ياخشى بولمىسا، جۇڭگو كارخانىلىرى دۆلەت ئىچى بازىرىغا ماس كېلىدىغان تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىشى لازىم، بۇنداق بولغاندا ئىستېمالنى سىلجىتىپ، ئاخىرىدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا پايدا ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ.

  بىراق لى يىنىڭ يەنىلا مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆي-مۈلۈك كەسپى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر بۆلەك. جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ، پۇقرالارنىڭ ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لازىم.

  لى يىنىڭ مۇنداق دېدى: ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ باشلامچىلىقى بولمىسا، ئىقتىسادنىڭ تارتىش كۈچى يېتەرلىك بولمايدۇ. قۇرۇلمىنى تەڭشەشكىلا تايىنىش، يىراقتىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا پايدىلىق، بىراق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى چوڭ ماتور يەنىلا ئۆي-مۈلۈك كەسپى، ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى تىلغا ئالسىلا، كۆپۈك-كۆپۈك دەۋەرمەسلىك لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر