5-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى باشلاندى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شىنجاڭغا ئالاقىدار سىياسەت ۋە تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
دوكلاتتا جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شۆھرەت زاكىر مۇنداق بىلدۈردى، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىسادىي كاردىدورىنى قۇرۇش شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، جۇڭگو-پاكىستان كارىدورى قۇرۇلۇشى شىنجاڭدا يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى يادرو رايون قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىشتا ناھايىتى چوڭ سىلجىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بۇ يىل يېڭىدىن بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، جۇڭگونىڭ غەربىي رايونى تۆمۈريولى ۋە تاشيولى قاتارلىق مۇھىم قاتناش تۈرىمۇ بۇ تۈرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلدى. دوكلاتتا يەنە كەپىلىك رايوننى ئۆزگەرتىش، تۆمۈريول، سۇ ئىشلىرى قاتارلىق تۈرلەرگە تەڭ مەبلەغ سېلىپ، مۇھىم نۇقتىنى جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىغا قارىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شارقات ئاقان مۇنداق بىلدۈردى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىكى بۇ تەدبىرلەر شىنجاڭ خەلقى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈردى.
باشلىنىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقان ھامان خوتەن ۋىلايىتى باش ئۈژمە كەنتىدىن كەلگەن ۋەكىل مەمەترېھىم مەمتىمىن كەنتتىكىلەرگە تېلېفون قىلىپ خۇشخەۋەر يەتكۈزدى، ئۇ كەنتتىكىلەرگە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىكى شىنجاڭغا ئالاقىدار بولغان ‹‹غەربىي رايوندا بىر تۈركۈم ئۇنىۋېرسال قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇ ئىشلىرى، ئېكولوگىيە، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەرنى قۇرۇش... كونا رايون، مىللىي رايون، چېگرا رايون ۋە نامرات رايونلارغا بولغان ياردەم كۈچنى ئاشۇرۇپ، پەرقلىق رايونلارنىڭ تەرەققىيات سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش›› قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۇقتۇردى.
مەمەترېھىم مەمتىمىن مۇنداق دېدى: ‹‹مەملىكىتىمىز سىياسەت بىلەن قوللايدۇ، لېكىن ئۆزىمىزمۇ تىرىشىشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەنتلەرنى بېيىشقا يېتەكلىگىلى، كۆپچىلىكنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ››.
ۋەكىل خالىدە ئابدۇقادىر دوكلاتتىكى ‹‹مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش... ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلغار ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئالاھىدە كەنت-بازارلارنى قوغداش-تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتلەر ئارا ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش›› قاتارلىق مەزمۇنلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹دوكلاتتىكى سىياسەت بولسىلا، بىزنىڭ 12 مۇقام، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزغا كېيىنكى ئەۋلادلار تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلالايدۇ››.
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا يەنە ‹‹شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەش›› ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رەيھانگۈل ئىمىر مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەيدۇ››. ئۇ بۇنىڭدىن ئىلھاملانغانلىقىنى، شۇنداقلا يەنە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە تېخىمۇ ئىشەنچكە تولغانلىقىنى بىلدۈردى.