12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 5-مارت چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىغا قاراپ چىقتى. گوۋۇيۈەن تەتقىقات ئىشخانىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. ۋەكىللەردىن جاڭ چۈنشيەن، ئەركىن ئىمىرباقى، نۇر بەكرى، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، چې جۈن، ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلار ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدىكى مەزمۇنلارغا قارىتا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.