باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

دىن ساھەسىنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش لازىم

لى كېچىياڭ مىللەت، دىن، مۇھاجىرلار خىزمىتى توغرىلىق سۆزلىدى

2015.03.06 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچىياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن ۋاقىتتا، مىللەت، دىن، مۇھاجىرلار خىزمىتىنىڭ فاڭجىنىنى تونۇشتۇردى

  ئۇ، مىللىي رايونلارنىڭ ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىياتى ياخشى بولمىغان مىللىي رايونلارغا بولغان قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ،چىگرانى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەركىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىلغار، ئەنئەنىۋى، مۇنەۋەر مەدەنيىتى ۋە ئالاھىدە يېزا بازارلىرىنى قوغداپ ۋە تەرققىي قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. شىزاڭ ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم،دېدى.

  بىز پارتىيەنىڭ دىن خىزمەت ئاساسى فاڭجىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمىلىلەشتۈرۈپ، دىن مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن ساھەسىنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەئەتىنى قوغداپ، دىنى زاتلار ۋە دىنغا ئىشىندىغان ئاممىنىڭ جەمىيەت ئىقتىسادى تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىشىمىز لازىم.

  بىز چەتئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ ۋەتىنمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تىنىچ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ئالاقە ھەمكارلىق ئالاھىدە رولىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى جوڭخۇا ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشمىز لازىم.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر