شىنخۇا تورىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى مىكرو بىلوگىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 18-سېنتەبىر شاڭخەي ئەركىن سودا رايونى 3 ئۈستەل ئارقىلىق سەلبىي تىزىملىكلەرنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىنى زۇڭلىغا نامايان قىلدى. يېشىل ئۈستەلگە ئىسلاھاتتىن بۇرۇنقى 186 پارچە چەكلەش تەدبىرى، كۆك ئۈستەلگە 151 پارچە رەتلەنگەن ھۆججەت، سېرىق ئۈستەلگە نۆۋەتتە ساقلاپ كېلىنىۋاتقان 35 ھۆججەت تىزىلغانىدى. زۇڭلى يېرىمى بوش قالغان سېرىق رەڭلىك ئۈستەلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، «سەلبىي تىزىملىكلەرنى داۋاملىق قىسقارتىش، بازارغا تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق يارىتىپ بېرىش كېرەك» دېدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى