باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى لو خۈينىڭ مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئىلغار رايون بولۇشنى قولغا كەلتۈرەيلى

2014.09.22 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تىنچ چىڭخەي قۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىلدى، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقى بىرقەدەر مۇقىم بولدى

  مۇخبىر: ئۆتكەن يىلى چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئىلغار رايون قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، بۇ جەھەتتىكى ئويلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

  لو خۈينىڭ: چىڭخەي كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايون، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شىزاڭدىن باشقا ئەڭ چوڭ زاڭزۇ رايونى بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرىۋاتىدۇ. چىڭخەيگە كېلىپ خىزمەت قىلغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، مەن چىڭخەيدىكى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، چوقۇم ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. كۆپ يىلدىن بۇيان چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاسايىش چىڭخەي قۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتتى، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقى بىرقەدەر مۇقىم بولدى. بىراق 2008-يىلى شىزاڭ رايونىدا يۈز بەرگەن بىر يۈرۈش ۋەقەلىرى ۋە يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرىدىن قارىغاندا چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن بولغان كۈرىشىمىزنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك، مۇرەككەپ، بەزىدە كەسكىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بولۇپمۇ دالاي 14 گۇرۇھى «ئوتتورا يول» تەلىمىنى تەرغىپ قىلدى، شۇنداقتىمۇ چىڭخەينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى يەنىلا بىرقەدەر تۆۋەن، ئەبەدىي ئامانلىققا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈۋاتىدۇ.

  قانداق قىلغاندا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىناق، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەمدە بولىدىغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالدىمىزىدىكى چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى. پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم مەركەزنىڭ مۇستەھكەم رەھبەرلىكىدە ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئىلغار رايون قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيەسى، خىزمىتى، ئاممىۋىي ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، گەۋدىلىك مەسىلەرنى ھەل قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا جىددىي بىرتەرەپ قىلىشتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان ئورگانىڭ مېخانىزىمغا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ بىرقەدەر ئىناق شارائىت ئاستىدا، چىڭخەي بولۇپمۇ زاڭزۇ رايونىنىڭ ئۇدا مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر