باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىسمەن ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى ياخشىلىنىپ كۆمۈر بازىرىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلدى

2014.09.22 13:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن كۆمۈر سانائىتى تېخنىكا كومىتېتىنىڭ 2014-يىللىق يىغىنى ۋە باشلىقلار مۇنبىرىدە جۇڭگو كۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جىمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 8-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كۆمۈرچىلىك كەسپىدىكى قىسمەن ھەرىكەت كۆرسەتكۈچى بىر ئاز ياخشىلاندى. كۆمۈر بازىرىدا پائال ئۆزگىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئايدا مەملىكەت بويىچە كۆمۈر ئىمپورتى 18 مىليون 860 مىڭ توننىغا يېتىپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.4 تۆۋەنلىگەن، 9-ئايدا تۆۋەنلەش توختاپ بىر ئاز ئاشقان. جياڭ جىمىن مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر بازىرىدا ئېھتىياج تۆۋەن سۈرئەتتە ئېشىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلما خاراكتېرىلىق ئېشىش، كۆمۈر ئىمپورتىدا كۆپ زىددىيەت كۆرۈلۈش يەنىلا نورماللىقنى ساقلايدۇ. ھازىر كۆمۈر ئېھتىياجى سۇس مەزگىل. كۆمۈر كارخانىلىرى بىلەن ئاساسلىق خېرىدارلار ئارىسىدىكى توختام تېخى كۆپەيمىدى. خەلقئارادا كۆمۈر باھاسىدا داۋالغۇش كۆرۈلدى. دۆلەت ئىچىدىكى كۆمۈر بازىرىدا باھا يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەنلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر