باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>ليۇ يۈنشەن

ليۇ يۈنشەن مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا تەربىيەلەش-ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ ۋە قوللىنىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ تۇراقلىقلىقى ۋە ئۇزاق ئۈنۈم بېرشىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىشنى تەكىتلىدى

2014.09.22 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىۇ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ليۇ يۈنشەن 20-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مەركەزنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى، تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ خۇلاسىلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى.

  ليۇ يۈنشەن مۇنۇلارنى سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، پۈتۈن پارتىيە ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ھېسابلىنىدۇ. تەربىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىستىل قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، مۇھىم ئەمەلىي نەتىجە، تۈزۈم نەتىجىسى، نەزەرىيە نەتىجىسى قولغا كەلدى، شەكىلۋازلىق، بىيوكراتچىلىق، راھەتپەرەزلىك ۋە ئىسراپچىلىقلار تىزگىنلەندى، ئاممىۋى لۇشيەن ئىزچىللىشىپ، پارتىيە ئىستىلىنىڭ ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان مىخانىزمى ۋە قاتتىق تىزگىنلەش دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى يەنىمۇ كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئېدىئال ھالىتىگە يېتىشىگە يەنە ۋاقىت كېتىدۇ، چۇقۇم قەتئىي ئىشەنچ بىلەن سەگەكلىكىمىزنى ساقلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چۇڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر