خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: 9-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگو كۆچمە پەن-تېخنىكا سارىيى شىنجاڭ سەييارە كۆرگەزمىسىنىڭ چەرچەندىكى كۆرگەزمە پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى چەرچەن مۇزېيىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيەلىك تەنتەربىيە كۇلۇبىدا پەن-تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق 5 چوڭ تۈردىكى 52 خىل مودېل كۆرگەزمىسى ئېكسكۇرسىيە قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، كۆرگەزمە 11-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى