21-سېنتەبىر 2014-يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ يازما ئىمتىھانى ئاياغلاشتى ، 130 مىڭدىن ئارتۇق ئىمتىھان بەرگۈچى شىنجاڭدىكى 15 ئىمتىھان رايونىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىمتىھانغا قاتناشتى .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىز 6200 دىن ئارتۇق مەمۇر قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ ، يازما ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى 30-ئۆكتەبىر سائەت 12:00 دىن باشلاپ شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورى (www.xjrsks.com.cn) دە ئېلان قىلىنىدىكەن . بىڭتۇەنمۇ 1538 مەمۇر قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ ، 20-سېنتەبىر ئاياغلاشقان يازما ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى 20-ئۆكتەبىر سائەت 18:00 دىن باشلاپ بىڭتۇەن ئىمتىھان ئۇچۇر تورى(www.btpta.gov.cn) دا ئېلان قىلىنىدىكەن .