خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: داڭلىق ئۇيغۇر گىتار چولپىنى، ناخشىچى، مۇزىكانت قەھرىمان قېيۇم «كروران رىۋايىتى» فلامىنگو گىتار مۇزىكا ئەترىتىنىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇزىكا كېچىلىكى 21-سېنتەبىر كەچتە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈز يىل خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بەش يۈزگە يېقىن ھەر مىللەت مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى نەق مەيداندا نادىر گىتار نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلاندى. مۇزىكانتلار ئۆزىنىڭ سەرخىل نومۇرلىرى ئارقىلىق بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دوستانە ۋە مەردانە قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
«جۇڭگودىكى تۇنجى ياش فلامىنگو گىتار ماھىرى» دەپ ئاتالغان قەھرىمان شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ مىللىي مۇزىكا كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 1993-يىلى شىنجاڭدىكى تۇنجى روك مۇزىكا ئەترىتى «قورچاق»نى قۇرغان، 1998-يىلى بېيجىڭغا كېلىپ، جۇڭگودىكى ئەڭ سەرخىل فلامىنگو مۇزىكا ئەترىتى «ئەپەندى»نى قۇرۇشقا قاتناشقان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مۇزىكا ئەترىتىنىڭ «چىننۇرى»، «كروران قىزى» ناملىق ئىككى پارچە پىلاستىنكىسىنى چىقارغان. بۇ پىلاستىنكىلار كەسپداشلار ۋە خەلقئارادىكى زاتلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن، مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ ئاساسىي ئاۋاز گىتارىنى چالغۇچى قەھرىمانمۇ بۇنىڭ بىلەن جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر گىتارچىلاردىن بولۇپ قالغان ھەمدە ئىسپانىيەنىڭ فلامىنگو مۇزىكا ئېلىمېنتى بىلەن ئۇيغۇر ئەلئىچى مۇزىكىلىرىنىڭ ئېلىمېنتىنى بىرىكتۈرۈپ، جۇڭگودىكى ئۆزگىچە گىتار ئۇسلۇبىنى ياراتقان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى