خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2012-يىلى تەڭرىتاغنى دۇنيا تەبئىي مىراسلارنى قوغداش رايونىغا ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، قاراجۈن ساياھەت رايونىمۇ تەڭرىتاغدىكى ۋەكىللىك ساياھەت رايونىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مول ھەم ستېرېئولۇق تەبئىي شارائىت بىلەن قاراجۈن مەنزىرە رايونى يايلاق، تاغ، دەريا، ئورمان ۋە جىلغا قاتارلىق كۆپ خىل يەر تۈزۈلۈشى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى مەنزىرە رايونى بولۇپ چىقىشقا پۇختا ئاساس تىكلىگەن. 6-سېنتەبىر خەلق تورىنىڭ يېڭى يىپەك يولىغا سەپەر زىيارەت گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەركىزىي شەھىرى غۇلجا ئەتراپىدىكى تېكەس ناھىيەسىگە بېرىپ، تەڭرىتاغ باغرىدىكى بۇ گۈزەل ماكاندا زىيارەتتە بولدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى