باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە «تۈلكە ئوۋلاش»تا چوڭ نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى

ئىككى ئايدا 88 نەپەر ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارى تورغا چۈشتى

2014.09.22 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە ج خ ئورگانلىرى چېگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەن ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش مەخسۇس ھەرىكەت (مەخپىي نامى «تۈلكە ئوۋلاش» 2014) ئورۇنلاشتۇرمىسى قانات يايدۇرۇلغان ئىككى ئايدىن بۇيان، باسقۇچ خاراكتېرلىك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈلدى. ج خ مىنىستىرلىقى خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكلاتى بىلەن ماسلىشىپ 28 قىزىل رەڭلىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چېگرا سىرتىغا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 32 قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىپ، 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا قېچىپ يۈرگەن 88 ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 10 يىلدىن ئۇزاق قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچى 11 بولۇپ، تۇتۇلغان ئادەم سانى ئۆتكەن يىل پۈتۈن يىلدا تۇتۇلغان چېگرا سىرتىدىكى ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن ئاشىدۇ. چېگرا سىرتىدىكى قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىدە نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە ئافرىقا، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان، غەربىي ياۋروپا قاتارلىق جايلاردا يېڭى بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر