شى جىنپىڭ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ تېخىمۇ يېقىن تەرەققىيات ھەمراھلىرىدىن، ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن ۋە ئىستراتېگىيە ھەمكارلىق جەھەتتىكى دۇنياۋىي ھەمراھلاردىن بولۇپ، بىرلىكتە مىللەتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جەنۇبىي ئاسىيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى تەكىتلىدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-سېنتەبىر يېڭى دېھلىدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18-سېنتەبىر ھىندىستان دۇنيا ئىشلىرى كومىتېتى يىغىنىدا «مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو-ھىندىستاننىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى بايان قىلىپ، جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ يېقىن تەرەققىيات ھەمراھلىرىدىن، ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن ۋە ئىستراتېگىيە ھەمكارلىق جەھەتتىكى دۇنياۋىي ھەمراھلاردىن بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نىشانىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىنى بايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالىغا نەزەر سالدى ھەمدە جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.شۇ جاي ۋاقتى 4:30تە، شى جىنپىڭ ھىندىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئەنسارىنىڭ ھەمراھلىقىدا نۇتۇق زالىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ قىزغىن چاۋاكلار ئىچىدە نۇتۇق سۆزلىدى.
دۇ شاڭزې، لۈ پېڭفىي خەۋىرى
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى