خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى: 21–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 6–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ «تەنتەربىيە لاتارىيەسى لوڭقىسى» خەلقئارا قۇملۇق دالا رىقابەت مۇسابىقىسى تۇرپاندىكى داڭلىق سەيلىگاھ يالقۇنتاغ باغرىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى، تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە بىرلىكتە تەشكىللىگەن بۇ مۇسابىقە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نۇقتىلىق مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2009–يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان، دۆلەت ئىچى– سىرتىدىكى نۇرغۇن داڭلىق ماھىرلارنىڭ رىقابەت ئېلان قىلىدىغان مۇھىم سەھنىسىگە ئايلانغان. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە مۇسابىقە تۈرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بويىچە ئىككى گۇرۇپپىغا ئايلانغان بولۇپ، 670 دىن ئارتۇق ماھىر قاتنىشىپ، ماھىرلار سانى جەھەتتە رېكورت يارىتىلغان.
مۇسابىقە تۈرى گۇرۇپپىسىدىكى 210 ماھىر ئىچىدە ئامېرىكا، رۇسىيە، فرانىسيە قاتارلىق 17 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 110 ماھىر بولۇپ، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغاندىن بۇيانقى چەت ئەللىك ماھىرلار ئەڭ كۆپ قاتناشقان مۇسابىقە بولۇپ قالغان.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 32 كلومېتر بولۇپ، مۇسابىقە يالقۇنتاغ باغرىدىن باشلىنىپ يالقۇنتاغنى بويلاپ تۇرپاندىكى يەنە بىر داڭلىق سەيلىگاھ بۇيلۇققا يېتىپ بارىدۇ. ماھىرلار يول بويى تۇرپاننىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلغاچ تۇرپاننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىدىن بەھىر ئېلىپ، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆرەلەيدۇ.
ئىككى سائەت كەسكىن مۇسابىقىلىشىشتىن كېيىن، 072 – نومۇرلۇق ماھىر لى زىچېڭ 1 سائەت 55 مىنۇت 20 سېكۇتنلىق نەتىجىدە ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە، 024–نومۇرلۇق ماھىرى جاڭ دېشۈن 2 سائەت 11 مىنۇت 49 سېكۇنتلۇق نەتىجىدە ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيون بولۇپ، 40 مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى