باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش مىنىستىرلىقى: ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول، تاكسى قاتارلىقلارنى ئىسلاھ قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك

2015.01.19 10:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 15-يانۋار تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 15-يانۋار قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، قاتناش مىنىستىرلىقى يېقىندا «قاتناش ترانسپورت ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، قاتناش ترانسىپورت تۈزۈلمىسىنى بىرىكتۈرۈش، قاتناش ترانسىپورتىنىڭ ھازىرقى زامان بازار سىستېمىسى، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول تۈزۈلمىسى، زامانىۋى ترانسىپورت مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىدىكەن. پىكىردە جەمئىيەت بىردەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول، تاكسى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى تىلغا ئېلىنغان.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قاتناش ترانسپورت مىنىستىرلىقى چوڭ تارماق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «چوڭ قاتناش»نىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىدۇ؛ قاتناش ترانسپورت زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەلبىي تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، قاتناش ترانسپورت بازار سۇبيېكتى ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا «قارا تىزىملىك» تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ؛ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا كىرىم-چىقىم ئىككى لىنىيەسىنى يولغا قويۇپ، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدىن ئۆتۈش باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆتۈش باھاسى بىلەن تىجارەت مۇلازىمىتى سەۋىيىسىنىڭ ماس ھالدا ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر