باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە مۇسۇلمانلارغا نامازخانا تەييارلاندى

2014.11.07 10:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرى يىغىن ھەپتىلىكىنىڭ مۇھىم پائالىيەت سورۇنى بولغان دۆلەتلىك يىغىن مەركىزى ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئالىي ئەمەلدارلار يىغىنى، دىپلوماتىيە ۋە سودا مىنىستىرلىرى يىغىنى، سودا-سانائەت رەھبەرلىرى يىغىنى قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق پائالىيەتنى كۈتۈۋالىدۇ. مۇخبىر 5-نويابىر دۆلەتلىك يىغىن مەركىزى ئاخبارات مەركىزىگە بېرىپ، بۇ يەردىكى تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنىڭ تەق بولغانلىقىنى كۆردى. مۇخبىر يەنە دۆلەتلىك يىغىن مەركىزى ئاخبارات مەركىزىنىڭ بىر تەرىپىگە بىر ئايرىم ئۆينىڭ راسلانغانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئاخبارات مەركىزىدىكى ئالدىراشلىق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئۆي ناھايىتى جىمجىت ئىدى. ئۆينىڭ ئىشىكىگە «نامازخانا» دېگەن خەت چاپلانغان بولۇپ، 20 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ ئۆيدىكى سۆسۈن رەڭلىك گىلەم ئۈستىگە ئاپئاق جايناماز سېلىنغان، يەنە بىر مۇنچە قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نەقىش بار پالاسلارمۇ سېلىنغان ئىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇنى 2014-يىللىق ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى جۇڭگو تەييارلىق كومىتېتى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىغان. بۇندىن باشقا، ئاخبارات مەركىزىدە يەنە مىڭ ئادەم غىزالىنالايدىغان ئاشخانا بار بولۇپ، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانچە تەييارلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر