باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ «تەربىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» لېكسىيەسى باي ناھىيەسىدە ئالقىشقا ئېرىشتى

2014.11.07 00:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرقۇربان سايىم خەۋىرى:ئاپتونوم رايونلۇق «تەربىيەنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش» لېكسىيە ئۆمىكى 3-نويابىر باي ناھيەسىنىڭ كانچى يېزىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ناھىيە ۋە يېزا-بازارلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، كەنت كادىرلىرى، دىنىي زاتلار، «تۆت پېشقەدەم»لەر، كەنتتە تۇرۇۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپا خادىملىرى ۋە بىر قىسىم ئامما ۋەكىللىرى لېكسىيە ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى ئىقتىسادشۇناسلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ لېكتورى ئادىلجان ئېزىز، ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجىتمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رايىدىن تۇرغۇن، ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتەپنىڭ لېكتورى تۇرسۇن تۇنىياز قاتارلىقلار”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىزنىڭ جان تومۇرىمىز“، ” خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز“ دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

  بۇ قېتىمقى لېكسىيەنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر بولۇپ، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك 7-ئومۇمىي ئەزالار(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ”ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش“ پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھەر مىللەت ئاممىسى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ چەك-چېگراسىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈشكە يېتەكلەش؛ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ھەر مىللەت ئاممىسىنى نۆۋەتتىكى ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ قارا نىيىتىنى ئېچىپ تاشلاشقا يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە لېكسىيە بولدى. لېكسىيە ئاخىرلاشقاندا يىغىن قاتناشچىلىرى ئۇزۇنغىچە چاۋاك چېلىشتى ۋە لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنى ئورىۋېلىشىپ، ئۇلارنىڭ داۋاملىق كېلىپ بۈگۈنكىدەك تەربىيەۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە لېكسىيەلەرنى داۋاملىق سۆزلەپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىشتى.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر