باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما پارلامېنتتىن ئەسەبىي تەشكىلاتقا زەربە بېرىشكە ھوقۇق بېرىش ئۈستىدە ئىزدەندى

2014.11.07 10:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 5-نويابىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن پارلامېنتنىڭ ھەربىي كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشكە يېڭىدىن ھوقۇق بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمەن. ئوباما 5-نويابىر ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشكە يېڭىدىن ھوقۇق بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ئۆزىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك پارلامېنت بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدىكى ئۈچ نىشانىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئوباما يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە قارىتىلغان ھەرىكەتتە غەلبە قىلىش قىلماسلىقنى مۇنازىرىلىشىشكە تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھازىرقى مۇھىم ۋەزىپىسى بۇ تەشكىلاتنى ئىراقتىن قوغلاپ چىقىرىش، بۇ تەشكىلاتنىڭ سۇرىيەدە ئۇرۇش قىلغۇچى خادىملارنى قايتىدىن تولۇقلاش ۋە ئۇرۇش توشۇش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىپ، ئەڭ ئاخىردا ئىراق بىلەن سۇرىيە چېگراسىنى قايتىدىن قۇرۇشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر