باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن ھۆكۈمىتى گازادىكى بىر قاتار پارتىلىتىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

2014.11.08 11:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن بىرلەشمە ھۆكۈمىتى تۆنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، گازا رايونىدا شۇ كۈنى سەھەردە يۈز بەرگەن بىر قاتار پارتىلىتىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ خىل جىنايى قىلمىش پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ گازانى قايتا قۇرۇش تىرىشانچانلىقىغا تەسىر قىلىدۇ. باياناتتا بۇ، پەلەستىننىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىغا زىت كېلىدۇ دېيىلدى.

  پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسمۇ بۇ بىر قاتار پارتىلىتىش ۋەقەلىرىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئالاقىدار تەرەپلەردىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر مۇنداق دېدى: شۇ جاي ۋاقتى تۆنۈگۈن سەھەردە، گازا رايونىدىكى 15 جايدا بىرلا ۋاقىتتا پارتىلاش يۈز بەردى، نىشاننىڭ ھەممىسى پەلەستىن مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتى فاتاخنىڭ ئەمەلدارلىرى بولدى. نۆۋەتتە ھىچقانداق بىر تەشكىلات ياكى شەخس بۇ پارتىلىتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلىقىنى ئېيتمىدى. ئەمما خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، پارتىلىتىشنىڭ مەقسىتى كېلەر ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پەلەستىننىڭ قازا قىلغان رەھبىرى ئارافاتنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر