2014-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدالار يىغىنى 5-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى، بۇنىڭ بىلەن 2014-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) رەھبەرلىرى يىغىن ھەپتىلىكى باشلاندى.
بۇ قېتىمقى ئەمەلدارلار يىغىنى ئىككى كۈن ئېچىلىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يىغىنىنىڭ رەئىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى باۋدۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۇ قېتىمقى ئەمەلدارلار يىغىنىمۇ 5-نويابىردىن 11-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2014-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) رەھبەرلىرى يىغىن ھەپتىلىكىنىڭ تۇنجى مەيدان پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئارقىدىنلا، مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى، سودا-سانائەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى، APEC رەھبەرلىرى بىلەن سودا-سانائەت مەسلىھەتچىلىك جەمئىيىتى ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ھەپتىلىكىنىڭ يۇقىرى دولقۇنى ھېسابلانغان 2014-يىللىق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 22-قېتىملىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى 10-نويابىردىن 11-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى