باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كۈزىتىش گۇرۇپپىسى ئىككىنچى قېتىملىق كۈزىتىش قايتما ئىنكاس ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى

2014.11.06 08:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   ئەمەلدار بىلەن سودىگەرلەر تىل بىرىكتۈرۈش ئەھۋالى گەۋدىلىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قىيىن نۇقتىلار بار.

  4-نويابىر چۈشتىن كېيىن، مەركەز ئىنتىزام كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تورى مەركەزنىڭ بەشىنچى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى جېجياڭ كۆزىتىش ئەھۋالى قايتما ئىنكاسىنى ئېلان قىلدى. ھازىرغا قەدەر، مەركىزىي كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئىككىنچى قېتىملىق كۆزىتىش ئەھۋالىنى پۈتۈنلەي ئېلان قىلىپ بولدى. «قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش»، «ساندىن ئارتۇق كادىر سەپلەش»، «مەسىلىسى بارلارنى ئۆستۈرۈش»، «كىچىك ئەمەلدارلار قاتتىق چىرىش چىرىكلىكى» قاتارلىق سۆزلەر كۆپ كۆرۈلدى، كۆپلىگەن كۆزىتىلگەن رايونلار ۋە ئىدارىلەردە ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەر ئارىسىدا مەنپەئەت زەنجىرى شەكىللەنگەن دەپ ئەيىبلەندى، «ئىقتىدارلىقلار چىرىكلىشىش»، «بىر ئائىلە ئىككى تۈزۈم»،«چىۋىندەك چىرىكلىشىش» قاتارلىق مەسىلىلەر گەۋدىلەندى.

  مەركەزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ، بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، مەركىزىي كۆزىتىش گۇرۇپپىسى گۇاڭشى، شاڭخەي، چىڭخەي، شىزاڭ، جېجياڭ، خېبېي، شەنشى، خېيلۇڭجياڭ، سىچۇەن، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردە كۆزىتىش قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى قاتارلىقلارغا قارىتا كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، مەركىزىي كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايون، ئىدارىلەرگە كۆزىتىش پىكرى قايتما ئىنكاسى بەردى ھەمدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھۆكۈمەت تورى ئارقىلىق جەمئىيەتكە قايتما ئىنكاس ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر