باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

{سىن}داڭلىق رىياسەتچىسى نېغمەتنى زىيارەت

2014.11.06 13:40   مەنبە: خەلق تورى

 

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ (مەلىكەم) 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:10 -ئاينىڭ 25-كۈنى، 2014-يىللىق جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تېلېۋىزىيە بايرىمىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى نېغمەت رىياسەتچىلىككە تەكلىپ قىلىندى، نەق مەيدان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن تولغان ئىدى، قانىلىمىزنىڭ رىياسەتچىسى مەلىكەم نېغمەتنى زىيارەت قىلدى.

  نېغمەت ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت ئاجرىتىپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى، نېغمەتنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك «ئالتۇن بۈركۈت بايرىمى»دا مۇنەۋۋەر ئەر رىياسەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ھەممەيلەنگەن ئايان، بىر ئۇيغۇر ياشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ تولىمۇ زور شەرەپ. زىيارەت جەريانىدا نېغمەت مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى ھېس قىلغانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئالدى بىلەن ئائىلىسىدىكىلەرگە تەشەككۈرىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «تەلەي ئىشىكىنى ئېچىش» ناملىق داڭلىق پروگراممىسىنىڭ ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىك ھاياتىدىكى ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈردى. ئۇ يەنە 8 يىللىق رىياسەتچىلىك ھاياتىدىكى بەزى ھېسسىيات-چۈشەنچىلىرى ھەققىدە سۆزلەپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دوستلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىزچىل قوللاپ، رىغبەتلەندۈرگەنلىكى، ئۆزىنىڭ شىنجاڭلىقلار ئۈچۈن نەمۇنە بولالىغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكى شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا ئۇ گەرچە شىنجاڭغا كۆپ قايتالمىسىمۇ، ئۆز مىللىتى ۋە يۇرتىغا چوڭقۇر مۇھەببىتى بارلىقى، ئۆزىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن بارلىق كىشىلەردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  مۇخبىر: نېغمەت ياخشىمۇسىز! ئالدى بىلەن سىزنىڭ 10-نۆۋەتلىك ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەر رىياسەتچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىكى ھېسسىياتىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقان بولسىڭىز؟

  نېغمەت: شۇ چاغدا بەكلا جىددىيلەشتىم، بارلىق رىياسەتچىلەر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشكەن رىياسەتچىلەرنىڭ ئۈستىگە چىراغ نۇرلىرى چۈشۈپ تۇراتتى، مېنىڭ ئىسمىم ئىككىنچى قېتىم چاقىرىلدى، بۇ چوڭ مۇكاپات بەلكى مېنىڭ تۇنجى قەدىمىم بولۇشى مۇمكىن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا رىياسەتچىلىك قىلغىلى ئەمدىلا 8 يىل بولغان رىياسەتچى ئۈچۈن بۇ بىر تۈرتكە ۋە ئىلھام، باشقىلار مۇكاپات ئېلىپ تەسىراتىنى سۆزلىگەندە، مەن كىچىك ئالتۇن ھەيكەلنى تۇتۇپ تۇراتتىم، كۆز ياشلىرىم سىرغىپ چۈشتى، قولۇمدىكى مۇكاپات تولىمۇ ئېغىر بىلىندى، ئەڭ ئاۋۋال ئاتا-ئانامنى ئويلىدىم، شۇڭا تەسىراتىمنى سۆزلىگەندە ئاۋۋال ئۇلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم، ئۇلار مەن رىياسەتچىلىك قىلغان نومۇرلارنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي كۆرىدۇ، ماڭا تېلېفون قىلىپ ئىلھام بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە مەن نۇقسانسىز، ئۆزۈمنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزەرىدە پەرزەنت مەڭگۈ ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىدىكەن، مەن يەنە داۋاملىق تىرىشىمەن!

  مۇخبىر: سىز رىياسەتچىلىك قىلغان «ئامەت ئىشىكى» پىروگراممىسى تۇراقلىق، كۆرۈش نىسبىتى يۇقىرى پىروگرامما بوپتۇ، تاشقى قىياپەت ۋە رىياسەتچىلىك ئۇسلۇبى جەھەتتە بولسۇن ھەممىسى ئەنئەنىۋى چۈشەنچىدىكى «مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رىياسەتچىسى»گە ئوخشىمايدۇ، «ئامەت ئىشىكى» پىروگراممىسىنىڭ ھازىرغىچە بۇنداق يۇقىرى كۆرۈش نىسبىتىگە ئىگە بولۇشىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

  نېغمەت: ئەمەلىيەتتە پىروگرامما ئىشلەشتە ئەڭ مۇھىمى ھېسسىياتنى توغرا تېپىش، دەسلەپتە بىز بۇ نومۇرلارنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشقا ئەنئەنىۋى چۈشەنچىدىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت تۈرىدىكى نومۇرلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ مېنىڭ رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىمنىڭ مۇھىم سەۋەبى، رىياسەتچىلىك قىلغاندا مەن باشقا پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئۆزۈمنى تېخىمۇ ئەركىن قويۇۋەتتىم، بۇ پىروگراممىدا رىياسەتچى ۋە ماھىرلارغا چوڭ بوشلۇق قالدۇرۇلغان بولۇپ، بىز ھەقىقىي خاسلىقىمىزنى تولۇق نامايان قىلدۇق، بۇ پىروگرامما بىزنى نەتىجىگە ئېرىشتۈردى دېگەندىن كۆرە، بۇ پىروگرامما مېنى نەتىجىگە ئېرىشتۈردى دېگەن تۈزۈك. بىر رىياسەتچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆز ئۇسلۇبىغا خاس پىروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭلاشقا بۇرۇن كوچىدا كېتىۋاتقاندا باشقىلار رىياسەتچى نېغمەت دەيتتى، ھازىر «ئامەت ئىشىكى» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى دېيىشىدۇ.

  مۇخبىر: كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشسە، كېيىنچە بېسىم بولۇپ قالامدۇ؟

  نېغمەت: مېنىڭ ئەسلىدىنلا ئۆز ھاياتىم توغرىلىق ئانچە كۆپ پىلانىم يوق، ھەر بىر ئىشنى ياخشى قىلسىڭىزلا، ئالقىشقا ئېرىشىسىز. كېيىنكى نىشانىم ھازىرقى نومۇرلارنى ئوبدان ئىشلەش، بۇ مۇكاپات كىچىك مۇكاپات، تېخىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىپ، تېخىمۇ نوپۇزلۇق، تېخىمۇ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ھازىر يەنىلا يېڭى رىياسەتچى، خىزمەتكە چىققىلى 8 يىل بولدى، يەنە نۇرغۇن پىشقەدەم رىياسەتچىلەر بار، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىشىم كېرەك.

  مۇخبىر: بۇ 8 يىل جەريانىدا قانداق ئۇنتۇلغۇسىز ئىشلار بولدى؟

  نېغمەت: مەن ئەتراپىمدىكى قىممەتلىك كىشىلىرىمدىن تولىمۇ خۇرسەن، نۇرغۇن رىياسەتچىلەر رىياسەتچىلىك يولۇمدا ماڭا كۆپ ياردەم بەردى، ئۇلاردىن كۆپ مەنپەئەت ئالدىم، مەن بۇ قىممەتلىك كىشىلىرىمگە تولىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن.

  مۇخبىر: رىياسەتچى بولۇش سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزمىدى؟

  نېغمەت: رىياسەتچى بولۇش مېنىڭ ئارزۇيۇم، شۇڭا بۇ يولغا قەدەم قويدۇم. ئۆز تاللىشىمدىن خۇشالمەن، رىياسەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى توغرا تاللاپتىمەن.

  مۇخبىر: ئادەتتە خىزمىتىڭىز بەك ئالدىراش، ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىڭىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىسىز؟

  نېغمەت: كۆپىنچە ۋاقتىم ئائىلەم ۋە دوستلىرىم بىلەن ئۆتىدۇ، خىزمەتنى تۇرمۇشقا سۆرەپ كىرمەيمەن، دوستلىرىم بىلەن ساياھەت قىلىمەن، ئاتا-ئانامغا ھەمراھ بولىمەن، ئاتا-ئانامنى ئېلىپ دۇنيانى ساياھەت قىلىمەن.

  مۇخبىر: سىز شىنجاڭلىقلارنىڭ ۋەكىلى، يۇرتداشلىرىڭىز ۋە دوستلىرىڭىزغا دەيدىغان قانداق سۆزلىرىڭىز بار؟

  نېغمەت: بۇرۇن ئۇلار ھەمىشە ماڭا «سىز شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخرى» دەيتتى، ئەمەلىيەتتە مېنىڭچە شىنجاڭدىن چىقىپ سىرتلاردا ئىشلەۋاتقانلار ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسىلا شىنجاڭلىقلارغا ۋەكىل بولالايدۇ، ھەر بىرەيلەن شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخرى بولالايدۇ. مەن شىنجاڭدىكى يۇرتداشلارنىڭ مېنى ئۇدا قوللاپ كەلگەنلىكىگە، ماڭا غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، مەن ئەمدى تېخىمۇ تىرىشىمەن.

  مۇخبىر: سىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت، بۇندىن كېيىنكى رىياسەتچىلىك يولىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·كېلەر يىلى 25ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سو…
      ·قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستېتوتى قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى دەپ ئۆزگەرتىلدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈت…
      ·ئىلمىي ئۈنۋاننىڭ تۈرگە ئايرىپ تەسىس قىلىش  كەسپىي مائارىپ راۋاجلاندۇرۇش
      ·{سىن}ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى توغرىسىدا يەتتە تۈرلۈك يېڭى تەدبىرنى چىقاردى
      ·{سىن}ئىچكىردىكى شىنجاڭ سىنىپى قاتارلىقلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش با…
      ·ئەزا مويەن ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى ھەقسىز مائارىپقا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى
      ·ۋەكىل: جاڭ پىڭيىڭ: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت ئەل تىلىدىن ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىش ئوقۇغۇچىلارن…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقات كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى