باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى>>تەرەققىياتلار

لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قۇمۇلغىچە بولغان بۆلىكىدە قاتناش باشلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى(1)

2014.11.06 15:44   مەنبە: خەلق تورى

لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قۇمۇلغىچە بولغان بۆلىكىدە قاتناش باشلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچى–قۇمۇل بۆلىكىدە 16-نويابىر قاتناش باشلىنىدۇ، پويىز قۇمۇل ۋوگزالىدىن يولغا چىقىدۇ .

  ھەممە دېققەت قىلىۋاتقان ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ۋوگزالى ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى يېڭى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ۋوگزالنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 100مىڭ كۋادراتمېتر، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا 8000 ئادەم سىغىدۇ، بۇ ۋوگزالنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا ئىككى مەيدان ياسالدى، مۆلچەرلىنىشىچە 2015- يىلىنىڭ ئاخىرى تاماملىنىدىكەن؛ ھازىرچە باش ۋە ئاخىرقى ۋوگزال ۋاقتىنچە ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  لەنجۇ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى، تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى، پىچان شىمالىي ۋوگزالى، تۇرپان-قۇمۇل نېفىتلىكى ۋوگزالى، قۇمۇل ۋوگزالىدىن ئىبارەت بەش بېكەت تەسىس قىلىنغان. ھەر بىر ۋوگزالىنىڭ لايىھەلىنىشىدە ئىنسانىيلىق ئەقىدىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ رايون مەدەنىيىتى سىڭدۈرۈلگەن، شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئەسلىھەلەر ئىقتىدارى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز