باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش ھەققىدىكى ئىزاھەت بەردى

2014.11.06 09:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 5-نويابىر قەرەللىك يىغىن ئېچىپ، بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئەر ئاياللاردىن ئىككىنچى بالىلىق بولۇشنى ئىلتىماس قىلغانلار ئاز دېگەن قىززىق نۇقتىلىق مەسىلىگە جاۋاب بەردى.

  تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پەقەت 700 مىڭ جۈپ ئائىلە ئككىنچى بالىلىق بولۇشنى ئىلتماس قىلغان،ئۇنداقتا دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىككىنچى پەرزەنت بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتامدۇ قانداق؟

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ قىسمەن مەسئۇللىرى بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ئەر ئايال بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولسا ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشقا رۇخسەت قىلىش سىياسىتى ھەرقايسى جايلاردا ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا يولغا قويۇلدى، شۇڭا بۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا 2 يىلدىن 3يىلىغىچە ئاندىن باھا بەرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ سىياسەتكە چېتىشلىقى ئاساسەن شەھەر نوپۇسى، شەھەر نوپۇسىنىڭ قارىشىدا ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن بۇ سىياسەت خېلى ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن نەتىجە بېرىشى مۇمكىن، كۆپچىلىك ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش سىياسىتىگە قارىتا دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئېنىق قىلىپ: بۇنىڭغا نۆۋەتتە بېكىتىلگەن تېخى ئېنىق ۋاقىت يوق دېدى.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر