باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بۇ دۆلەتلەردە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولىدۇ؟

2014.11.06 08:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 5-ئايدا يېرىم يىل تىنجىمىغان تايلاندنىڭ سىياسى ۋەزىيىتى ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئايلاندى، خەلق سايلىغان يىڭلاك ھۆكۈمىتى تەختتىن چۈشۈرۈلدى، ھەربىيلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى، 1932-يىلى تايلاند ھەربى دائىرىلىرى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، تايلاند پادىشاھىنى پادىشاھلىق ئاساسى قانۇن تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرى قىلغاندىن بۇيان، ھەربى سىياسىي ئۆزگىرىش بۇ دۆلەتتە ئارقا ئارقىدىن يۈز بەردى.

  بۇددا دىنى دۆلىتى تايلاندنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ياخشى، شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە جىنايەت سادىر بولۇش نىسىبتى بىرقەدەر تۆۋەن، دېموكراتىك تۈزۈلمە بىرقەدەر بالدۇر ئورنىتىلغان، ھازىرغا قەدەر 25 قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلدى، ئەمما تايلاندنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئەھۋالىدا ئىزچىل ياخشىلىنىش بولمىدى، دۇنيا ھەققانىيلىق پىلانىغا ئاساسەن 2012-يىلى ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، تايلانددا ئېغىر دەرىجىدە جەمئىيەت توقۇنۇشى ۋە سىياسى زوراۋانلىق، ئېغىر دەرىجىدە چىرىكلىك مەسىلىسى باركەن، بولۇپمۇ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ۋە ساقچى تارماقلىرىدا بۇنداق ئەھۋال ئېغىركەن، ئۇنىڭ ھەق تەلەپ ئەدليە ئەھۋالىمۇ ناھايىتى ناچاركەن، سوتلاش ئۈنۈمى تۆۋەنكەن، ئۇنىڭ ئۈسىتگە يەنە ئېغىر دەرىجىدە ئىجرا قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى باركەن، تەكشۈرۈلگەن 90 نەچچە دۆلەت ئىچىدە 80-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  تايلاند دۇنيادىكى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەردە سىياسىي ئۆزگىرىش بولدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەردىكى سىياسى مالىمانچىلىق بولۇپ، قايتا قۇرۇش، مۇقىملاشتۇرۇشتىكى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەرتىپى بۇزۇلدى، سىياسىي تەرتىپى بىرقەدەر مۇقىم دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىشلىرىمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولۇقتى، چىرىكلىك جىنايىتى نىسبىتىنىڭ يۇقۇرلىقىدىن خەلق ئاساسى قانۇن ۋە قانۇندىكى بەلگىلىمىلەردە بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالمىدى، تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى بەزى دۆلەتلەر ھەتتا قانۇن نامى بىلەن ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى چەكلىدى ۋە دەخلى تەرز يەتكۈزدى.

  دۇنياغا قارايدىغان بولساق، مۇقىم بولغان ۋە بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەرتىپى ياخشى دۆلەتلەر ساناقلىقلا ئىكەن، داڭلىق سىياسىيون فۇسان مۇنداق دەپ قارىدى: تارىختا غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولۇشى مۇقەررەر سەۋەبتىن بولغان ئەمەس، بەلكى تاسادىپى ۋەزىيەتتىن كېلىپ چىققان، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە ئىجتىمائىي شارائىتمۇ ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندىستاندا مەۋجۇد بولغان، ئەمما غەربىي ياۋروپالا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈشنى رىياللىققا ئايلاندۇرالىغان ئىدى.

  بىز قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك بولۇشىنى مۇقەررەر ئامىل قاتارىغا كىرگۈزەلمەيمىز، ئەمما ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇش تەجرىبىلىرىگە قارايدىغان بولساق، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ نېمە ئۈچۈن مەغلۇپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە بەزى ياخشى ساۋاقلارنى يەكۈنلىگىلى بولىدۇ.

  قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ مەغلۇب بولۇش شەكلى

  قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ مەغلۇپ بولۇش شەكلى ھەر خىل، تايلانددا ھەر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئەسلىدىكى ئاساسى قانۇن بىكار قىلىنىپ، يېڭى ئاساسى قانۇن ئېلان قىلىنىدۇ، شۇڭا قىسقىغىنا 80 نەچچە يىلدىن بۇيان، 18 ئاساسى قانۇن ئېلان قىلىنىپ بولدى، بۇ ھەر 4 يىلغا بىردىن توغرا كېلىدۇ، 18-قېتىملىقى پات يېقىندا ھەربى تەرەپ ھۆكۈمىتى تۈزگەن ۋاقىتلىق ئاساسى قانۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتكە تولۇق ھوقۇق بېرىلدى، نۆۋەتتە يېڭى ئاساسى قانۇن تۈزۈلمەكتە، ئەگەر تاسادىپى ئەھۋال كۆرۈلمىسە كېلەر يىلى چىقىدۇ، شۇ چاغدا تايلاند ئاساسى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دەۋرىگە قايتىپ كېلىدۇ، تايلاندقا ئوخشاش قايتا قايتا ئاساسى قانۇن تۈزۈشتىن ھەرقايسى تەرەپتىكى سىياسىي كۈچلەر ئاساسى قائىدىدە بىرلىككە كېلەلمەي، سىياسى تەرتىپ بۇزۇلىدۇ، بۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسى قانۇن قاتلىمىدىكى مەغلۇبىيىتى.

  گەرچە بەزى دۆلەتلەر تارىختىكى ئاساسى قانۇن كىرزىسىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ ئەمما يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئالايلۇق تايلاندقا ئوخشاش دۆلەتلەر تېخى ئاساسى قانۇندا ئورتاقلىققا كېلەلمەي سىياسىي داۋالغۇش كېلىپ چىقتى، 2009-يىلى ھوندۇراستا سىياسى ئۆزگىرىش بولۇپ، زۇڭتۇڭ سەيرايا ھەربىي دائىرىلەر تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلدى، بۇنىڭدىكى سەۋەب سەيرايا ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمى خەلق ئارىسىدا ئاۋاز قويۇشنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق، داۋاملىق زۇڭتۇڭ بولماقچى ئىدى، 2013-يىلى يۈز بەرگەن مىسىردىكى سىياسى ئۆزگىرىش ئوخشاشلا ئاساسى قانۇن سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، شۇ چاغدىمۇ زۇڭتۇڭ مۇرسى رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلگەن يېڭى ئاساسى قانۇن لايىھەسى باشقا سىياسى كۈچلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، ئۇلار ئومۇمىى خەلقنى ئاۋازغا قويۇشتىن بۇرۇنلا ئاساسى قانۇن تۈزۈش كومىتېتىدىن چېكىنىپ چىقىپ، سىياسى كىرزىس پەيدا قىلغان ئىدى.

  ئاساسى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش كىرزىسىدىن قۇتۇلۇپ چىققان باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا يەنىلا ئېغىر مەسىلە مەۋجۇد، ھىندىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، 1949-يىلى تۇنجى ئاساسى قانۇننى تۈزۈپ ھازىرغا قەدەر يولغا قويۇپ كەلمەكتە، ئەمما ھىندىستاندا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇد، دۇنيا ھەققانىيلىق پىلانى 2012-يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا ھىندىستاننىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدا سوتلاش ۋە ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، چىرىكلىك ئېغىر بولۇش، ساقچىلار ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش ئەھۋاللىرى ئېغىر ئىكەن، جەمئىيەت تەرتىۋى ۋە بىخەتەرلىك ئەھۋالى تەكشۈرۈلگەن 97 دۆلەت ئىچىدە ھىندىستان 96-ئورۇندا تۇرىدىكەن، بۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ يولغا قويۇلۇش داۋامىدا مەغلۇپ بولۇشى.

  3-خىل قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى تۈرلەر تېخىمۇ يوشۇرۇن، ئېغىر دەرىجىدە خەتەرلىك، مۇقىم قانۇن بولۇپ، قانۇننى يولغا قويۇشتا زور مەسىلە بولمىسىمۇ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بەلكى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتا مەغلۇپ بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا تارىخىدا ئىنتايىن ناچار ئەھۋال كۆرۈلگەن، ئالايلۇق: تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ قارا نېگىرلەر ۋە نامراتلارنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى چەكلەنگەن. بۇ خىل قائىدە جەھەتتىكى توساق پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا دەخلى تەرز يەتكۈزىدۇ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

  قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئورتاق تونۇشقا ئايلانمىدى

  قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەنبە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا ئورتاق تونۇشنىڭ شەكىللەنمىگەنلىكى، ھەرقايسى سىياسىي كۈچلەر قائىدە بويىچە مۇرەسسەلىشىشنى خالىمايدۇ، سىياسىي ئەمەلىي كۈچى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ھوقۇقىنى مۇنوپۇل قىلىشنى ئويلىشىدۇ.

  ئالبانىيە شەرقى ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ناچار دۆلەت، بۇ تەقدىر شەرقى ياۋروپادا ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاساسىي قانۇن تۈزگەندە بەلگىلىنىپ بولغان. 1991-يىلى ئالبانىيە يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزگەندە مەغلۇپ بولغان دېموكراتلار پارتىيەسى سايلامدا كۆز بويامچىلىق قىلىش مەسىلىسىنى بانا قىلىپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە قاتناشمىدى ھەمدە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىدىن چېكىنىپ چىقتى. شۇندىن كېيىن، يېڭى ئاساسىي قانۇن گەرچە %90 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي سىياسىي كۈچ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش داۋامىدا يوق بولغانلىقتىن، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى چۈشتى، شۇندىن كېيىن نۇرغۇن قېتىم مۇنازىرە كېلىپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى گۇرۇھلارنىڭ ماجىراسى تۈگىمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى چۈشۈشتىكى مەنبەگە ئايلاندى.

  قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يەنە بىر ئامىل - باي نامراتلىق پەرقى، يالې ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى جىمېلنىڭ تەتقىقاتىدا مۇنداق دېيىلدى: بەزى دۆلەتلەردە كۆپ ساندىكى مىللەتلەر بىلەن ئاز ساندىكى مىللەتلەر ئارىسىدا ئېغىر دەرىجىدە كىرىم تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت، نامرات، كۆپ سانلىق مىللەتلەر سىياسىيۇنلارنىڭ قۇترىتىشى ئارقىسىدا ئاز ساندىكى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى زورلۇق بىلەن دەپسەندە قىلىشى مۇمكىن. ئىقتىساد ئېغىر تەڭپۇڭسىز بولىۋاتقان ۋاقىتتا، بەزىلەردە شۆلىۋېلىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار قائىدىگە ئەمەل قىلىشنى بەك خالاپ كەتمەيدۇ. ھالبۇكى جەمئىيەتتە داۋالغۇش بولسا ئالدى بىلەن زەربىگە ئۇچرايدىغىنى يەنىلا ئاجىز ئامما.

  1998-يىلى ھىندونېزىيەدە زور كۆلەملىك جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، جۇڭگولۇق سودىگەرلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، نۇرغۇن مال-مۈلكى بۇلاپ كېتىلدى، لېكىن ۋەقەدە نۇرغۇن ھىندونېزىيەلىك مالىمانچىلىق سەۋەب ئۆلۈپ كەتتى. جۇڭگولۇقلارنى چەتكە قېقىش ۋەقەسىنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى شۇكى نۇرغۇن مۈلۈك زىيان بولدى، ئىقتىساد تېزدىن چۈشۈپ كەتتى، زور كۆلەملىك ئاچلىق كەمچىللىك كېلىپ چىقتى، ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ھىندونېزىيەلىك ئاچ قالدى. بۇ ۋەقە قانۇن تەرتىپىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاممىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى مۇھىملىقىنى ئىسپاتلىدى. تەڭپۇڭسىز ھوقۇق مۇناسىۋىتى

  قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك بولىشىدا بىر تەڭپۇڭ ھوقۇق سىستېمىسىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمى دەسلەپتە ئورنىتىلغان دۆلەتلەردە، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەرتىپى بۇزۇلسا ھەمىشە ھوقۇقنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تايلاندتىكى بۇ قېتىمقى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ بىۋاسىتە تۈزۈم ئامىلى- ئورنى ئالاھىدە بولغان تايلاند ئارمىيەسى بىلەن ھوقۇق چېگراسى ئېنىق بولمىغان تايلاند ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى.

  ئارمىيەنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باش قاتىل. قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئەھۋالى ئومۇمەن بىر قەدەر ناچار بولغان ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدا نەچچە ئون قېتىم ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋەتتى. كورىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر دېموكراتىيەلىشىشتىن بۇرۇن ھەربىي ھۆكۈمەت ھۆكۈمرانلىق قىلىش تارىخىنى باشتىن كۆچۈرگەن.

  تايلادننىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەرتىپىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىكى يەنە بىر چوڭقۇر قاتلاملىق ئامىل شۇكى، تايلاندتىكى ھوقۇق تەڭپۇڭلۇق سىستېمىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان. تايلاند مەسئۇلىيەتچان كابېنت سىياسىي تۈزۈمىنى قوللىنىدۇ، ئالدى بىلەن پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن پارلامېنت ئەزالىرى ئاۋاز بېرىپ زۇڭلىنى سايلايدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا پارلامېنتتىكى كۆپ ساندىكى پارتىيە گۇرۇھلار ياكى كۆپ ساندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى ئۆز پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىرىنى سايلايدۇ، چۈنكى كابېنت ئادەتتە پارلامېنتتىكى كۆپ ساندىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېشىشى كېرەك. بۇ خىل ئەھۋالدا، تايلاندتىكى ھوقۇق تەڭپۇڭلىقىدا ئىككى قۇتۇپ شەكىللىنىدۇ، ئۇ بولسىمۇ پارلامېنت بىلەن كابېنت ۋە سوت مەھكىمىسى.

  بۇددا دىنى دۆلىتى بولغان تايلاندنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشى تەقدىردەكلا قايتىلىپ تۇرىدۇ، ھەر قېتىملىق ئۆزگىرىشتىن كېيىن، بىرسى مەيدانغا چىقىدۇ، ھەر قېتىمدا بىر ئاز ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئەمما چوڭقۇر يىلتىز تارتالمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئۇلار باشقا قۇرۇلۇۋاتقان قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنى ئەينەك قىلىدۇ. تايلاندتىكى ئەڭ مۇھىم ئىلھام شۇكى، تايلاند پادىشاھى بىلەن ئارمىيە تەرەپنىڭ نوپۇزى ناھايىتى يۇقىرى، ئۇلار دۈشمەنسىز سىياسىي كۈچ، لېكىن ئۇلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى قايرىپ قويۇپ ھوقۇق يۈزگۈزەلمەيدۇ، ھەر قېتىمدا ئاساسىي قانۇن ئاستىدىكى قانۇن بويىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر