خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 3-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-چېسىلا خەلق سارىيىدا قاتار ئەمىرى تامىم بىن ھاماد ئەلسانى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقى جۇڭگو-قاتار ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق جاكارلىدى. بۇ سۆھبەتتىن بۇرۇن شى جىنپىڭنىڭ خەلق سارىيى شىمالىي زالىدا تامىم بىن ھاماد ئەلسانىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شې خۇەنچى فوتوسى
مەنبە : خەلق تورى