باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نېيتانىياخۇ: ئابباس ئېرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك

2014.11.06 14:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېيتانىياخۇ تۈنۈگۈن: پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس شۇ كۈنى ئېرۇسالىمدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك دېدى.

  نېيتانىياخۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى رابىن قەستكە ئۇچرىغانلىقىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: چۈشتە ئېرۇسالىمدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋەقەسى «ئابباس ۋە ئۇنىڭ شېرىكى خاماسنىڭ بىۋاسىتە قۇتراتقۇلۇقىنىڭ نەتىجىسى». نىتانىياخۇ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە پۈتۈن ساقچى قىسمىنى ئېروسالىمنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  ئېرۇسالىمدا تۈنۈگۈن بىر پەلەستىنلىك ماشىنا بىلەن رېلىس بويىدا ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ۋە يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يەنە بىر قېتىم يۈز بەردى، ۋەقەدە ئىسرائىلىيەلىك بىر ساقچى قازا قىلدى، ئون نەچچە ئادەم يارىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر