باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بەردى

2014.11.06 14:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ گىۋىنىيە، لىبېرىيە ۋە سېررالىئوندىكى ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاش ئۈچۈن، تۈنۈگۈن جەنۋەدە بۇ تەشكىلاتقا ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ياردىمى بەردى.

  تۈنۈگۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش باشقارمىسى ۋە شۋېيتسارىيەدىكى باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋۇ خەيلوڭ بۇ ئىئانىنى تاپشۇرۇپ بېرىش تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ۋۇ خەيلوڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۈگۈنگىچە غەربىي ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا تۆت تۈركۈم جىددىي ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 750 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، بۇ پۇل ئافرىقىدىكى 13 دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىغا بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر