جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى «1-ئاۋغۇست» ماھارەت كۆرسىتىش ئەترىتىنىڭ ‹‹ قىرغۇچى— 10›› تىپلىق سەككىز دانە ماھارەت كۆرسىتىش ئايروپىلانى 5-نويابىر جۇخەيگە يېتىپ كېلىپ ، باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىنىڭ « جۇڭگو ھاۋا ئارمىيە قىزغىنلىقى » نى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈۋەتتى . جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن جىنكېنىڭ 5-نويابىر ئاشكارىلىشىچە ، كۆرگەزمە مەزگىلىدە «قىرغۇچى — 10» تىپلىق ئايروپىلاندىن سىرت يەنە «توشۇغۇچى— 20 » تىپلىق ئايروپىلان ، ‹‹ھاۋا ئارمىيە ساقچىسى -2000 ››، ‹‹ھاۋا ئارمىيە ساقچىسى-200 ›› قاتارلىق ئايروپىلانلار ماھارەت كۆرستىدىكەن .