- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بېرلىن تېمى ئۆرۈۋېتىلگەنلىكىگە 25 يىل بولغان پەيتتە مېركىل سۆز قىلدى
2014.11.06 14:22 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېرلىن تېما ئۆرۈپ تاشلانغالىقىنىڭ 25 يىللىقى پەيتىدە، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېرىكىل مۇنداق دېدى: شەرقى غەربى گېرمانىيە بىرلىككە كېلىپ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى، شەرقى گېرمانىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر دولقۇنى بالدۇرلا ئاياغلاشتى. شەرقى گېرمانىيەدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان مېرىكىل ئۈنئالغۇ سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: بېرلىن تېما 1989-يىلى 9-نويابىر ئۆرۈپ تاشلانغاندىن بۇيان، سابىق شەرقى گېرمانىيەنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە ئىلگىرىلەش بولدى. گەرچە شەرقى غەربى گېرمانىيە ئارىسىدا پەرق بولسىمۇ، بولۇپمۇ سابىق شەرقى گېرمانىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن شەرقى غەربى گېرمانىيەدىكى ياش بىر ئەۋلاد كىشىلار بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: گېرمانىيەنىڭ شەرقىدىكى ئالتە يېڭى ئوبلاست فېدېراتىپ كونا ئوبلاستلارنىڭ ياردىمىدا گۈللەندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر