باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ>>مۇھىم سۆز

شى جىنپىڭ: قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكچىلىك ۋە كاپالەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ تىنچلىق قۇرۇلۇشىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتىرەيلى

2014.11.04 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چۇڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، قانۇن ئىدارە قىلىش تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسال تۈزەش سېپى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چۇڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكچىلىك ۋە كاپالەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن زىدىيەت ۋە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ،ئسىتورولۇق جەمئىيەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ئۇل قۇرۇلۇشىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قۇشۇشقا تىرىشىشى كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر