باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ>>پائالىيەتلەر

ھاياتلىق مەنبەسى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ سەپىرىدە چاقنىماقتا

ــــ رەئىس شى جىنپىڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەھبەرلىرى ۋە يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا ئارمىيە سىياسىي خىزمىتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار

2014.11.04 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013 -يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: «پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىنى ئاڭلايدىغان، غەلبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانى.» بۇ شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلغان كۆرۈنۈشى.

  2012-يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭجوۋ ئۇرۇش رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ شى جىنپىڭ «خەيكوۋ» ناملىق پاراخوتتا ماتروسلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشكەن كۆرۈنۈش.

  2013-يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئارمىيە مەلۇم قۇرۇقلۇق، ئاۋىئاتسىيە قوشۇنىنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ شى جىنپىڭنىڭ تىك ئۇچار ئۇچقۇچىسى جاڭ شاڭنيەننىڭ توي مۇراسىمىنى توختىتىپ قويۇپ ئاپەت رايونىغا خەتەردىن قۇتقۇزۇشقا بارغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا توي مۇراسىمىنى تېزدىن ئۆتكۈزۈڭ دەپ تاپىلىغان كۆرۈنۈشى.

  2014-يىل 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ فۇجيەنگە كېلىپ قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋە قوش نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنى يوقلىدى. بۇ شى جىنپىڭنىڭ قوش نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، «خەلقىمنى سۆيىمەن، ئارمىيەنى سۆيىمەن» دېگەن شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مېھىر-مۇھەببەتنى ئەسلەپ ئۆتكەن كۆرۈنۈشى.

  2014-يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ھەربىي رايونى چېگرا مۇداپىئە مەلۇم قىسمىغا كېلىپ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنى يوقلىدى. بۇ شى جىنپىڭنىڭ سەنجياۋشەن تېغى قاراۋۇلخانىسىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەسلىھەلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قاراۋۇللارغا :«بۈگۈن مەن سىلەر بىلەن بىرگە پوستتا تۇرىمەن» دېگەن كۆرۈنۈشى.

  2014-يىل 4-ئاينىڭ 9-كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قوراللىق قىسىم ئالاھىدە ساقچى ئىنستىتۇتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە «ئوۋ بۈركۈتى زەربىدارلار ئەترىتى»گە بايراق تەقدىم قىلدى. بۇ شى جىنپىڭنىڭ تەنتەنە بىلەن قىسىم بايرىقىنى «ئوۋ بۈركۈتى زەربىدارلار ئەترىتى»نىڭ چوڭ ئەترەت باشقىلىغا بەرگەن كۆرۈنۈشى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە گۇتيەنگە سەپەر قىلدۇق. قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز تېخىمۇ روشەنلەشتى؛ قەيەرگە بارىدىغانلىقىمىز تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى. شى جىنپىڭ يېڭى تارىخىي نۇقتىدا تۇرۇپ مۇنۇلارنى چوڭقۇر كۆرسەتتى: «سىياسىي خىزمەت مەڭگۈ ئارمىيەمىزنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى.»

  نەنچاڭ قوزغىلىڭىدىكى مىلتىق ئاۋازىدىن باشلاپ، جىنگاڭشەندىكى چىغىر يوللاردىن باشلاپ، گۇتيەن يىغىنى گۈلخانلىرىدىن باشلاپ... 87 يىللىق شانلىق سەپەرنى باشتىن كەچۈرگەن قەھرىمان خەلق ئارمىيەسى رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزىنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئەمەلىيىتىگە بېغىشلاپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئارزۇغا ئاتلانماقتا.

  دۇنيا ۋەزىيىتىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا، شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يىراقنى كۆزلەپ، ئۇرۇش پىلانى تۈزۈپ، دەۋر ئۆزگىرىشى ۋە ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىنى ئىگىلەپ، يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا ئارمىيە سىياسىي خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ سەپىرىدە ھاياتلىق مەنبەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى
  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر