1-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ پىڭتەن بوغۇزى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولۇچىلار پورتىدا «بوغۇز ناملىق» يولۇچىلار پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى ساياھەتچىلەر بىلەن ئايرىلغان چاغدىكى كۆرۈنۈش.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ قوتوسى 1-نويابىر كەچتە، شى جىنپىڭ فۇجۇ شەھىرى ھەربىي قوۋۇق مەھەللىسى ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئورنىدىكى ياشانغانلار بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ قوتوسى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بىيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەكىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا فۇجيەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەۋزەللىك ۋە يوشۇرۇن كۈچلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە يېڭى بۆسۈشلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە : خەلق تورى