- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سۈي تيەنكەي: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ كۆرۈشۈشى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە
2014.11.06 14:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي ئۈلۈشكۈن: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ بېيجىڭدا كۆرۈشۈشى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېدى.
جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بى رەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە جۇڭگودا رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. سۈي تيەنكەي جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېقىن ئالاقىسىنىڭ داۋامى شۇنداقلا ئوبامانىڭ ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن جۇڭگودىكى يەنە بىر قېتىملىق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر