- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ي ئە ئى زىمبابۇۋىغا قاراتقان 12 يىل داۋاملاشقان ئىقتىسادىي جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
2014.11.03 14:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ زىمبابۇۋىيدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى 30-ئۆكتەبىر، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتە زىمبابۇۋىگە قاراتقان ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەكلەش جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى، 2015-يىلدىن باشلاپ زىمبابۇۋىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ياردىمىگە قايتىدىن ئېرىشىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقنىڭ زىمبابۇۋىگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازاسى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى 2015-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، زىمبابۇۋىنى- ھۆكۈمەت مالىيەسى قىس بولغان ئەھۋالدا داۋالاش سەھىيە شارائىتىنى ياخشىلىشى، يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سېلىش، ئورگانلار بىلەن باشقۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى زورايتىش، ھەمدە ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، 234 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تەرەققىيات ياردىمى بىلەن تەمىنلىمەكچى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر