باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى APCE نى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، 10 تۈرلۈك لاھىيە تۈزدى

2014.11.03 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، «ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدىكى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى كاپالەت لايىھەسى» ۋە « ماشىنا توختۇتۇش»، « ئىشلەپچىقىرىشنى توختۇتۇش، چەكلەش»، «ئىش توختۇتۇش» قاتارلىق 10 تۈرلۈك لايىھەنى تۈزۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى شەھەر يېزىلارغىچە كېڭەيتتى. 3-نويابىردىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى بارلىق قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى توپا تاش، چىقىش، تاش ماتېرىياللارنى كېسىش قاتارلىق مەشغۇلات ئىش تەرتىپىنى توختاتتى. پۈتۈن شەھەردىكى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى تاق، قوش نومۇر بويىچە يولغا چىقىشنى يولغا قويدى. پۈتۈن شەھەر يوللىرىدىكى چىراق خادىسىغا ئورنىتىلغان بايراقلارنىڭ رەڭگى ئەستايدىل لايىھەلەندى، جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى قىزىل رەڭ، ئەنئەنىۋى سېرىق رەڭ، ئىكولوگىيە يېشىل رەڭى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇلدى.

  بېيجىڭ قىياپىتى نامايەن قىلىندى. «تۆۋەن كاربۇنلۇق مۇھىت ئاسراش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش» روھىغا ئاساسەن، بېيجىڭ يەنچىخۇ يىغىن ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى 70تىن ئارتۇق تۈرىدە دۇنيادىكى ئىلغار ئىكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش تېخنىكىسىنى قوللاندى، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش نىسبىتى، قۇياش ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق تۇرمۇشقا كېرەكلىك سۇنى ئىسىتىش نىسبىتى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %100كە يەتتى. يېمەك-ئىچىمەك مۇلازىمەت خادىملىرى ھەر خىل ئويۇش تېخنىكا سەنئىتى ئارقىلىق، تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى ئويۇپ ياساپ، بېيجىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جۇڭگو ئامىلىنى نامايەن قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر