باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆكتەبىردە ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىقتىن باشقا سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى %53.8 كە چۈشتى

2014.11.04 08:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 3-نويابىر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۈماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئۆكتەبىردە ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىقتىن باشقا سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى %53.8 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.2 پوئېنت تۆۋەنلىگەن، بۇ ئېلىمىزنىڭ ياسىمىچىلىقتىن باشقا كەسىپلىرىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  كەسپ ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، مۇلازىمەتچىلىك سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى %52.6 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.1 پوئېنت ئۆرلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە مېھمانخانا كەسىپى، ئېنتېرنېت تورى ۋە يۇمشاق دېتال ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەتچىلىكى، پارچە سېتىش، يول تىرانسىپورتى، تېلىگراف رادىيو تېلىۋىزىيە ۋە سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق تارقىتىش مۇلازىمەتچىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى كرىتىك نۇقتىدىن يۇقىرى بولۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئومۇمىي مىقدارى ئاشقان؛ تۆمۈر يول تىرانسىپورتى، قاچىلاش، يۆتكەش ۋە ئامباردا ساقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سودا پائالىيىتى كۆرسەتكۈچى كرىتىك نۇقتىدىن تۆۋەن بولۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئومۇمىي مىقدارى ئازايغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر