باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ-ئالتۇن سۇ يولى

2014.11.04 08:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا، گوۋۇيۈەن «ئالتۇن سۇ يولىغا تايىنىپ چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىسادىي بەلۋېغى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرنى» تارقاتتى. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىسادى بەلۋېغى قۇرۇلۇشىنى يەر شارىدا تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىچكى دەريا ئىقتىسادىي بەلۋېغى، شەرق ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىم ئۆز ئارا ھەرىكەتلىنىپ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىدىغان بەلۋاغ، دېڭىز بويى، دەريا بويى ۋە چېگرا رايون ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىچكى ۋە تاشقى ئېچىۋېتىلگەن بەلۋاغ، ئىكىلوگىيىلىك مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئالدىن يولغا قويۇلغان سىناق بەلۋاغ قىلىپ قۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  چاڭجياڭ دەرياسى يۈك تىرانسىپورت مىقدارى جەھەتتە يەر شارىدا ئىچكى دەريا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىغان ئالتۇن سۇ يولى بولۇپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قېلىپىدا مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنغا ئىگە. ئالتۇن سۇ يولىغا تايىنىپ چاڭجياڭ دەرياسى رايونىنىڭ ئىقتىسادىي بەلۋاغ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش دېڭىز بويىدىكى ھەر قايسى جايلارغا تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى ئېلىپ كېلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش بوشلۇقىنىڭ دېڭى بويىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  نۆۋەتتە، جياڭسۇنىڭ دېڭىز بويىدىكى دېڭىز تىرانسىپورتىنىڭ %17 ى ۋە پورت ئېغىزلىرىدا توشۇلىدىغان يۈكنىڭ %35 ى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئېقىندىن توشۇلىدۇ، ھەمدە ئوتتۇرا يۇقىرى ئېقىن رايونىدىكى %70 تىن كۆپ تاشقى سودا يۈكى، %80 تىن كۆپ تۆمۈر رۇدىسى ۋە %30 يۈك ساندۇقىنى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. چوڭقۇر سۇ قاتنىشى قۇرۇلۇشى جياڭسۇنىڭ دېڭىز بويى رايونى ۋە پۈتكۈل چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىسادىي بەلۋېغى ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولىدۇ.

  قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاڭجياڭ دەرياسىنى مەركەز قىلغان، شەرقنى بويلاپ غەرپكە قاراپ كېڭەيگەن، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرغان، پۈتكۈل چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىسادى بەلۋېغىنىڭ قاتناش تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىنى قاپلىغان دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىنى ئالدى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوتتۇرا قىسىمنى كۈچەيتىش، غەربى قىسىمنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيىنىڭ تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر